ختتاي تەشۋىقاتى

ختتاي دائىرلىرى «ئامېرىكىدىكى شنجاڭلىق مۇھاجىرلار تور سۆھبەت يېغىنى»غا ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرالمىغان.

by Admin - Dec 31, 2021 0 Comment

 

ختتاي دائىرلىرى «ئامېرىكىدىكى شنجاڭلىق مۇھاجىرلار تور سۆھبەت يېغىنى»غا ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرالمىغان.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى،ئافراسياپ

31-دىكابىر،2021-يىلى

ختتاي دىپلوماتىيە منسترلىكى، ختتاي ج خ منسترلىكى، ئاتالمىش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىر تۇتاش پىلانلىغان، ختتاينىڭ شەرقى تۈركستان (ئۇيغۇرستان)دىكى سياسەتلىرىنى ماختاشنى مەقسەت قىلغان «ئامېرىكىدىكى شنجاڭلىق مۇھاجىرلار تور سۆھبەت يېغىنى» مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان.

ختتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تەشۋىقات ۋاستىلىرىدىن  شنجاڭ تېلىۋىزىيەسى 31-دىكابىر تارقاتقان شنجاڭ خەۋەرلىرىدە مەزكۇر سۆھبەت يېغىنىنى ماختاپشنجاڭنىڭ ۋەزىيتى، تەرەققىياتى تونۇشتۇرۇلدى، ئامېرىكىدىكى شنجاڭلىق مۇھاجىرلار خورسەن بولدى »دەپ خەۋەر قىلغان.

 

ختتاي تەشۋىقاتى مەغلۇپ بولماقتا.

 

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىنىڭ تەكشۈرىشچە، ئامېرىكىدا تۇرىۋاتقان ئۇيغۇرلار، ئوقۇغۇچى ئۇيغۇرلار بۇ يېغىنغا قاتناشمىغان ياكى ئاشكارا ھالدا كۆرۈنۈپ ختتاينى ھېمايە قىلمىغان. ختتاي ئىلان قىلغان  ۋىدىئولۇق يېغىنىدا، ئۈرۈمچى تەرەپتىن  ناھايتى كۆپ كىشى،ئۇيغۇر ۋەكىللەر، ختتاي تەشۋىقات كادىرلىرى، ئۇسۇلچىلار، دىنى زات ئابدۇرەقىپ قاتارلىقلارنى كۆرگىلى بولىدۇ،ئەمما ئامېرىكا تەرەپتىن  ناھايتى ئاز كىشى قاتناشقان بولۇپ، قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى ختتاي ئەلچىخانىسى ۋە بىر نەچچە ختتاي مىللىتىدىن بولغان  ختتايلارنىلا كۆرگىلى بولىدۇ.

ختتاي -2017-يىلدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىنى مۇستەملىكە قىلىۋالغاندىن بىرىقى ئەڭ ئىغىر ئىرقى قىرغىنچىلىق سياستىنى يولغا قويغان بولۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇنى قاتتىق ئەيىپلىمەكتە،ختتاي بۇ جىنايتىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە،ئامېرىكا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۈچلۈك سياسى پائالىيەت ئىلىپ بىرىۋاتقان دۆلەت بولۇپ، ختتاينىڭ ئامېرىكىدىكى كىشلىك ھوقۇق تەشۋىقاتى-ھازىرغىچە مەغلۇپ بولۇپ كەلمەكتە.

 

 

 

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر