سىياسەتچى،ئاكتېۋسىت

ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى نامزاتى ئارفىيە ئەلى يۇقىرى پالاتا سايلىمى رايونىدا رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى


 ياپونىيە ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى  ئارفىيە ئەلى يۇقىرى پالاتا سايلىمى رايونىدا رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى


ھەبىبۇللا ئىزچى
« ئەسكەرتىش ، ياپونچىدە ئەلى ئارفىيە دەپ يېزىلغان بولسىمۇ،بىز ياپونىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارفىيە ئەلى ئىسمى ئاتايدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئارفىيە ئەلى دەپ يېزىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق»
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى22-ئىيۇن

ب د ت نىڭ سابىق ئۇيغۇر خىزمەتچىسى ئارفىيە ئەلى يۇقىرى پالاتانىڭ سايلام نىسبىتىدە رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى .

«ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدە چاقنىغان  ئۈمىد يۇلتۇزى ،ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئەلى.  7-ئاينىڭ 10-   كۈنىدىكى سايلام ئۈچۈن بۈگۈن ھەرقايسى پارتىيەلەر ھەرىكەتكە ئۆتتى .  ياپونىيەنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە تۇرماق باشقا خېلى - خېلى دۆلەتلەرنىڭكىدىن  ئوبدانلا تەس ، كوچىلاردىلا ئەمەس  مىنىستىر  بولغان تەقدىردىمۇ 45 گرادۇس سالام بەرمىسە ھەممە يەردە ھەممە ئىش تەس ….. ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە  4 يىللىق  ياپونىيە دۆلەت بانكىسىدىكى ، 5 يىللىق ب د ت دىكى خىزمەت تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ياپونىيەدە سىياسىي ۋەزىپىلەردە بولۇش قارارىنى چىقىرىپ، 5- ئايدا  ياپونىيەگە قايتىپ كېلىپلا ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدە چاقناشقا باشلىدى. ئاللاھ  بۇ جەسۇر قىزنىڭ يوللىرىنى داغدام ، تېنىنى سالامەت ، ماڭغان يوللىرىنى نەتىجىلىك قىلىپ بەرسۇن، ياپون خەلقىنىڭ ئالدىدا يۈزىنى يورۇق قىلىپ بەرسۇنكى، ياپونىيەدىكى بارچە ئۇيغۇرنىڭ يۈزى يورۇق بولغاي!»



ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى فۇمىئو كىشىدا (ئوتتۇرىدا) ۋە  ئارفىيە ئەلى (سولدا). ئوڭ تەرەپتە باش كاتىپ موگى


ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا 13-چېسلا پارتىيە مەركىزىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ سابىق خىزمەتچىسى ئارفىيە ئەلىنىڭ يۇقىرى پالاتا سايلىمى نىسبەت رايونىدىكى رەسمىي كاندىدات ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئارفىيە خانىم 1988-يىلى 10-ئايدا فۇكۇئوكا ناھىيەسى كىتاكيۇشۇ شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ بۇ يىل 33 ياشتا. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى شەرقى تۈركىستاندىن كەلگەن بولۇپ  دادىسىنىڭ يۆتكىلىشى سەۋەبىدىن باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدىن باشلاپ چەتئەلدە تۇرغان.ئۇ ياپونچە (ئانا تىل) ، ئىنگلىزچە ، خەنزۇچە ، ئۇيغۇرچە (راۋان) ، ئۆزبېكچە ، تۈركچە (ئوتتۇرا) ، ئەرەبچە (دەسلەپكى) قاتارلىق تىللاردا سۆزلىيەلەيدۇ.

ئارفىيە خانىمنىڭ دادىسى ئۇيغۇر، ئانىسى ئۆزبېك.ئۇ ئۆزىنىڭ بلوگىدا مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن  ياپونلاردىن پەرقلىق ئېتنىك گۇرۇپپىغا تەۋە بولىشىم، ھەتتا ئىسمىممۇ باشقا ياپونلاردىن پەرقلىق  بولۇشى مۇمكىن، ئەمما مەن ئۆزۈمنى پەقەت بىر ياپون دەپ ئويلايمەن.  چۈنكى مەن ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ ، ياپونىيەدە چوڭ بولدۇم.  مەن ياپونىيەدە ئەركىنلىككە مۇيەسسەر بولدۇم  ۋە  ئەركىن مۇھىتتا ياشىدىم. مەن يېقىنقى 5 يىلدا  ئامېرىكىدا  ب د ت خىزمەتچىلىرى بىلەن بىللە ئىشلىدىم.. مەن بىر ب د ت خىزمەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تىنچلىق ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دۇنيانىڭ ھەر خىل مەسىلىلىرىگە دۇچ كەلدىم. مەسىلەن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى، ياپونىيەدىكى تىنچلىق ، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك. ۋە  شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇلارنىڭ  قىممىتىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياپونىيەدىن تېخىمۇ كۆپ رەھبەرلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم . بۇ سەۋەبتىن  مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئىشىمدىن چېكىنىپ چىقىپ ، ياپونىيەگە قايتىپ يېڭى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشنى قارار قىلدىم. » 

ئۇ يەنە ياپونىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى ھەققىدە  تۆۋەندىكى سىياسەتلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ بۇ تەكلىپلەر ياپون خەلقى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنغان:

1. ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش؛

2. ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي قانۇندىكى ئورنىنىڭ بېكىتىلىشى؛

3. مۇداپىئە چىقىمىنى كۆپەيتىپ ،  GDP نىڭ% 2 گە يەتكۈزۈش؛

4. قىممەت قارىشى ئورتاقلاشقان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش؛

5. ياپونىيەنىڭ ئۇنىۋېرسال قىممەت قارىشىنى تاشقى دۇنياغا ئاكتىپلىق بىلەن تارقىتىش؛

6. ياپونىيە-ئامېرىكا-ئاۋىستىرالىيە-ھىندىستان تۆت تەرەپلىك ، 2 + 2 ، ئىككى تەرەپلىك سۆھبەت ، كۆپ تەرەپلىك سۆھبەت قاتارلىقلار؛

7. ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولمىغان بىر ھەيئەت سۈپىتىدە رەھبەرلىكنى نامايان قىلىش؛

8. بەش كۆز ۋە باشقىلار بىلەن ئىستىخباراتتىن تەڭ بەھرىلىنىش ۋە ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش؛

9. تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش؛

تىنچلىقنى ساقلاش سىجىل تىرىشچانلىق ۋە مەبلەغ سېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. نورمال ۋاقىتلاردا ، بىز دىئالوگ ۋە تەييارلىققا موھتاج ، جىددىي ئەھۋال ئاستىدا ، دۆلەتنىڭ  تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىغان كۈچكە موھتاج. ياپونىيەنىڭ تىنچلىقىنى،بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ، ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرى چوقۇم ئاساسىي قانۇندا بەلگىلىنىشى ، ياپونىيە-ئامېرىكا ئىتتىپاقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ، مۇداپىئە چىقىمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك ، دېگەن تەكلىپلەرنى سۇنغان. ..

بۇ ھەقتە ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىن ساۋۇت مەمەت ئەپەندىم مۇنداق دەيدۇ: «ئارفىيە خانىم ياپونىيەدە تۇغۇلۇپ،ياپونىيەدە ئۆسۈپ يېتىلگەن بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن مىليونلىغان ياپونلاردەك رىقابەت، ۋە سايلىنىش بىلەن بۇ ئورۇنغا چىقتى. بۇ ئۇيغۇر تارىخىدا چوڭ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىش ،چۈنكى بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ۋەتىنىدىن ئۇزاق بىر دۆلەتتە ، دۆلەت تەرىپىدىن تەيىنلەش بىلەن ئەمەس ، بەلكى رىقابەت بىلەن ، يەرلىكلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىپ بۇنداق بىر ئورۇنغا كېلىشى تارىخى ۋەقە ، بۇ ئۇيغۇر خەلقىنى شۇنداقلا ياپونىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنى غۇرۇرلاندۇرىدۇ .»

 بىز ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر خەلقى نامىدىن ئابلەت قىزى ئارفىيە ئەلىگە ئۇتۇق ۋە غەلىبە تىلەيمىز 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر