تارىخ ۋە ئەسلىمە

تارىخىمىزنى توغرا يەتكۈزگەن كىتاپ


تارىخىمىزنى توغرا يەتكۈزگەن كىتاپ

      

    ئالماس ھاجى

 

  تارىخشۇناس دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن 30 نەچچە يىل ئىزدىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق يېزىپ چىققان "ئۇيغۇر ئۇمۇمى تارىخىي" دىگەن 13 توملۇق كىتاپنىڭ ئالدىن نەشىر قىلىنغان "شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمى تارىخىي "دەپ ناملانغان 6 تومنىڭ 5كىتابىنى ئوقۇپ چىقتىم.

   كىتاپنىڭ يېزىلىش ئۇسلۇبى ۋە  قۇللانغان مىتۇدى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ،تارىخىي ۋەقەلەر دەلىل ۋە ئىسپاتلاردىن تەركىپ تاپقان تەپسىلاتلار ئارقىلىق جانلىق ھەم ئەتىراپلىق يورۇتۇپ بىرىلگەن. كېرەكلىك يېرىدە پاكىتلار ئاساسىدا ناھايىتى قايىل قىلارلىق، قىسقا، لېكىن ، جايىدا تەھلىل يۈرگۈزۈلگەن. كىتابتا، پايدىلانغان تارىخىي ھۆججەتلەر، ھازىرغىچە ئاشكارىلانمىغان مەخپى ئارخىپ ماتىرىياللىرى،تارىخىي شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرى،تىرىك شاھىتلارنىڭ گۇۋالىق ماتىرىياللىرى بىلەن يۇرۇتۇلغان تارىخىي ۋەقەلەر كىشىنىڭ كۆز ئالدىدا شۇ ماكان ۋە شۇ  زامان ئەسلىيىتى بىلەن گەۋدلىنىدۇ.بۇ كىتاپ ھەقىقەتەن تارىخىمىزنى توغرا يەتكۈزگەن كىتاپ بولۇپتۇ.

   يىللاردىن  بىرى 1944-يىلى قوزغالغان مىللىي ئىنقىلاپ ۋە 1944-يىلى12-نۇيابىردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى توغرىسىدا ئېنىق ۋە توغرا بولغان مەلۇماتلارغا ئىگە بولالمىغان ئىدۇق."شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئۇمۇمى تارىخى"دىگەن بۇ كىتاپ ناھايىتى ئەتىراپلىق ھالدا پاكىت، دەلىل ئىسپاتلىرى بىلەن بۇ دەۋردىكى تارىخىمىزنى روشەن يورۇتۇپ بېرىپتۇ. بۇ كىتاپنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى، خىتاينىڭ تارىخى كىتابلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئارمىيەسى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ يالغانلىقىنى پاكىتلار ئارقىلىق ئىسپاتلاپ، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى مەڭگۈ ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قارا نىيىتىنى  ئېچىپ تاشلىغانلىقىدۇر.

    1944   - يىلى مىللىي ئىنقىلاپنىڭ پارتىلىشى،   شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق جاكالىشى ،جۇمھۇرىيەت جاكارلىغان مۇستەقىللىق سىياسىي خىتابنامىدىكى مەقسەت، نىشانلار،  مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەنىڭ قۇرۇلىشى،ئەسكىرىي تۈزۈلمىسى،ئەسكەرسانى ؛  سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە تۇتقان ھەر خىل پۇزۇتسىيەسى،ھەل قىلغۇچ پەيىتلەردە ئالغان قارارلىرى،دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە دۇنيا تەرتىپىنى بەلگىلىگۈچى كۈچلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە چۈشۈرگەن بېسىمى، بىز بىلگەن ۋە بىلمىگەن ھەرخىل سىياسىي ئويۇنلار؛ تولۇق قۇراللانغان 20 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرى كۈچكە ئىگە،شىددەتلىك ھوجۇم بىلەن ئۈرۈمچىگە باستۇرۇپ كېلىۋاتقان مىللىي ئارمىيەنىڭ تۇيۇقسىزلا ماناس دەرياسى بۇيىدا توختاپ قېلىشىنىڭ سەۋەپلىرى؛ئاقسۇنى ئىشغال قىلىش ئالدىدا تۇرغان مىللىي ئارمىيەنىڭ تۇيۇقسىز چىكىنىش بۇيرىقى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقى،11 ماددىلىق بىتىمنىڭ شەكىللىنىشى، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش پىلانىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بۇنىڭغا  تۇتقان پۇزىتسىيىسى،بۇ جەرياندا سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە جاڭكەيشىنىڭ ئوينىغان ئويۇنلىرى ۋە بۇنىڭ نەتىجىلىرى؛  رەئىس جۇمھۇر، مارشال ئەلىخان تۆرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدىكى سىياسىي تەقدىرىنىڭ پىچىلىشى، ئەلىخان تۆرىنىڭ تۇيۇقسىز غۇلجىدىن غايىپ بولىشى؛ 11 بىتىم ئىمزالانغاندىن كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە ياردەملىشىشكە ئەۋەتكەن بارلىق ھەربىي خادىملىرىنى ۋە مىللىي ئارمىيەگە بىرىلگەن بارلىق قۇرال-ياراق، ئوق-دۇرىلىرىنى يىغىۋېلىپ ئېلىپ كىتىشىدىن شەكىللەنگەن  ۋەزىيەت،11 بىتىم ئىمزالىنىپ، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇتلىقنىڭ سەۋەپلىرى، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىنكى ۋەزىيەت قانداق بولدى، خىتايلار سۆزىدە تۇردىمۇ؛ "ئۈچ ئەپەندى" بىلەن ئەخمەتجان قاسىمىلەرنىڭ ئوخشىمىغان مەيدان، ئوخشىمىغان مەسئىلىلەردىكى كۆز قاراشلىرى ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىدىكى ئىپادىلىرى ،نەنجىڭ قۇرۇلتىيىدا ئەخمەتجان قاسىمىلار قانداق مەيداندا تۇردى، ئۇلار قۇرۇلتايغا سۇنغان "شىنجاڭنى شەرقي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئۆزگەرتىپ يۈكسەك مۇختارىيەت بىرىش تەكلىپ لايىھەسى" قانداق مۇئامىلىگە ئۇچرىدى؛ ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسۇفلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشى،گومىنداڭنىڭ ،گوڭچەنداڭنىڭ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز مەنپەئەتلىرىنى چىقىش قىلىپ بۇنىڭغا قارىشى تۇرىشى؛ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىگە شىنجاڭنى تېز ئىشغال قىلىش تەلىۋىنى ئوتتۇرىغا قويىشى ، ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ  شەرقىي تۈركىستانغا قوشۇن ئەۋەتىشىگە قارىشى چىقىشى ۋە  خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ دۆلەت قۇرۇش مەسلىھەت يىغىنى- سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىنىڭ يىغىنىدا ئۆزلىرىنىڭ خەلىق ئارزۇ تەلىپى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تەكلىپ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىشى، خىتاي كومپارتىيەسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەردار بولۇپ قوللانغان تەدبىرلىرى ، ئەخمەتجان قاسىمى، ئابدۇكېرىم ئابباسوفلارنىڭ  ئۆلۈم خەۋىرى ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تارىخى پاكىتلار ۋە ئېچىلمىغان سىرلار؛  گومىنداڭنىڭ ئاتالمىش "شىنجاڭ"نى گوڭچەنداڭغا تىنىچلىق بىلەن ئۆتكۈزۈپ بىرىشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئارمىيەسىنى گوڭچەنداڭغا سېتىۋىتىشى،بۇ جەرياندىكى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى سىياسىي ئويۇنلارقانداق ئوينالدى؛ 1949-يىلى 10-ئايغىچە بولغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ھۆججەتلىرىدە "شىنجاڭنى ئىشغال قىلىش "ئاتالغۇسى ئىشلىتىلگەن،كېيىن ،نېمىشكە "شىنجاڭنى تىنىچلىق بىلەن ئازاد قىلىش"قا ئۆزگۈرۈپ قالدى...قاتارلىق مەسئىلىلەر كىتابتا رەت قىلىپ بولمايدىغان تارىخىي دەلىل-ئىسپاتلارئارقىلىق ناھايىتى ئەتىراپلىق ۋە روشەن جاۋاپقا ئىگە قىلىنغان.

   تارىخنى بىلمىگەن ئادەم خۇددى ئەينەككە قاراپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرۈپ تۇرمىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ. كەچمىشلەردىن توغرا ساۋاق ئالالمىغانلار، كەلمىشلەرنى توغرا مۆلچەرلىيەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن تارىخىي خاتالار تەكرارلىنىدۇ.تارىخنى بۇرمىلاش،تارىخنى ئۆزگەرتىپ يالغان تارىخ ياساپ چىقىش- دۈشمەنلىرىمىزنىڭ مىللىتىمىزنى پارچىلاپ،ئۆزئارا دۈشمەنلەشتۈرۈش ۋە يۈزىمىزگە قارا سۈرتۈپ،ئۆزىمىزدىن ئۆزىمىزنى نەپرەتلەندۈرۈش ئارقىلىق يوقۇتۇش ئۇسۇلىدۇر.ئەگەر

تارىخىمىزنى بىلمىسەك بۇنداق داپقا ئۇسۇل ئوينايمىز.

      تارىخشۇناس دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن 30 يىل ئىزدىنىش، ماتىرىيال توپلاش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق روياپقا چىقارغان  ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقى تارىخى يېزىلغان بۇ كىتاپ ئۆز مەنبەلىك، تارىخىي ھۆججەتلەر، شاھىتلارنىڭ گۇۋالىقى، ئىسپاتلىرى بىلەن يېزىلغان تارىخىمىزنى توغرا يەتكۈزگەن كىتابدۇر.ئەگەر سىز بۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقسىڭىز نۇرغۇن تارىخىي ۋەقەلەردىن ئەينەن خەۋەردار بولىسىز،نۇرغۇن تارىخىي چىگىش مەسئىلىلەر ئايدىڭلىشىدۇ. تەخمىن ۋە قىياس بىلەن مەنتىقىسىز ھالدا ئوڭ-تەتۈر سۆزلەيدىغان، زۆرۈرىيەت تۈپەيلى قىلىنغان دىپلوماتىك سۆز-ھەركەت ياكى بىرەر مۇراسىمىدىكى سۈرەتكە قاراپ تارىخىي شەخىسلەرگە قالايمىقان "تون" پىچىدىغان يەڭگىلتەكلىكلەردىن خالى بولىمىز.

    تارىخ بىزگە ئەقىل بىرىدۇ،يولىمىزنى ئوڭشاپ مېڭىشقا ئىبرەت بىرىدۇ. شۇڭلاشقا تارىخنى توغرا يەتكۈزگەن كىتاپلاردىن تارىخىمىزنى ئۆگىنىشىمىز بىز ئۈچۈن زۆرۈرىيەتتۇر. ئۆز تارىخىنى بىلمىگەن مىللەت ساپاسىز مىللەتتۇر، ساپاسىز مىللەتنىڭ تارىخىنى غالىبلار ئۆز خائىشى بۇيىچە ئۆزگەرتىپ، بۇرمىلاپ ئۇلارنىڭ دۈمبىسىگە يېزىپ بىرىدۇ،بۇنداق مىللەت مەھكۇملىقتىن خالى بولالمايدۇ.

    ئېچىنارلىق يىرى شۇكى،  30 يىللىق ئەجىر بىلەن نەچچە يۈز يىللىق تارىخىي ھەقىقەتنى ئاشكارىلاپ بەرگەن بۇ كىتاپلارنىڭ ھەربىرىنىڭ پۇلى بىر قىتىم ئىككى-ئۈچ بۇرادەر بىلەن ئولتۇرۇشۇپ يىگەن سامسا، كاۋاپ پۇلىغا يەتمىسىمۇ، كىتابخانلار قىممەت كۆرۈپ ناھايىتى ئاز سېتىلىپتۇ. ھالبۇكى،ھەر بىر كىتابنىڭ نەشىر قىلىنغان سانى كۆپ بولغاندا بىر نەچچە يۈزدىن ئاشمايدۇ.كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇش راسخوتلىرى،باسما ھەققى ۋە بۇ كىتابلارنى بىر قانچە خىل تىلغا تەرجىمە قىلدۇرۇپ،ئۇيغۇر يازغان،ئۆز مەنبەلىك ئۇيغۇر تارىخىنى دۇنياغا بىلدۈرۈش ئۈچۈن كىتىدىغان راسخۇت چىقىملار،تەرجىمە قىلىنغان كىتابلارنى نەشىر قىلدۇرۇش راسخوتلىرى ۋە باسما ھەققى شۇ ئازغىنە كىتابتىن كىرگەن كىرىمدىن قامدىلىش مەخسەت قىلىنغانلىقى مەلۇم . ھازىرچە ياردەمدە بولىدىغان باشقا مەنبە يوق. ئەگەر بۇ ئېقىن (كىرىم) ئۈزۈلۈپ قالسا،كېيىنكى ئىشلار تەسكە توختايدۇ. نەبىجانغا بولسا، 30 يىللىق ئەجرى ئۈچۈن چاي پۇلىمۇ يوق.ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ۋەتەنگە، مىللەتكەبولغان ساداقەتمەنلىكى، پىداكارلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن تۆلىگەن ھىساپسىز بەدەللىرى بىلەن بىللە خەلقىمىز مەنىۋىيىتىدىن ئورۇن ئالىدۇ،خالاس.

   پىداكارلىقنىڭمۇ بەدىلى بولىدۇ.30 يىلنى باشتىن كەچۈرۈپ ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان بەدەل تۆلەش بىر كىشىگە نىسبەتەن ئاسانغا چۈشمەيدۇ، ھەر تەرەپتىن مۆلچەرلىگۈسىز بولىدۇ.بۇنى سۆزلىسەك گەپ تۇلا.ئاللاھغا چەكسىز شۇكۈرلەر بولسۇنكى ،ئارىمىزدىن بۇ ئۇلۇغۋار ئشنى ئاخىرىغا يەتكۈزگەن بىر ئادەم چىقتى ،ئۇ جاسارەت بىلەن ھەر قانچە بەدەل تۆلەشتىن قورقماي ئۇيغۇر تارىخىغا بىر ئابىدە تىكلىدى. شۇڭا، بۇنداق زىيالىرىمىزنى ئاسرىشىمىز، ھۆرمەت بىلدۈرىشىمىز، ئۇلارغا مەدەتكار بولىشىمىز بىزنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچىمىزدۇر.

      بىزدە ئەپسۇسلىنارلىق ئىشلار كۆپ،لېكىن،تارىخىمىز توغرا يەتكۈزۈلگەن بۇ كىتابنىڭ نەچچە يۈزمىڭلىغان ۋەتەنداشلار ئىچىدە يىللار بۇيى شۇنچە ئاز سېتىلىشى تەقدىرىمىزغا مۇناسىۋەتلىك تولىمۇ ئەپسۇسلىنارلىق ئىشدۇر. بۇنى تۈزەتمىسەك، ئۆزگەرتمىسەك بولمايدۇ. شۇڭا،ۋەتەن ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان قېرىنداشلارغا بۇ كىتابنى سېتىۋېلىپ،ئوقۇپ چىقىشنى، ئۆيلىرىدە ساقلاپ ئەۋلادلارنىڭ تارىخ ئۈگۈنۈشىگە دەستۇر قىلىشىنى ئالاھىدە تەۋىسىيە قىلىمەن.

   بۇرادەرلەرنىڭ بۇ تەۋىسىيەنى ھەمبەھىرلەپ كۆپلەپ تارقىتىپ قويىشىنى ئۆمۈت قىلىمەن.

   2022-08-03

كۆپ كۆرۈلگەنلەر