ۋەتەندىكى قارشىلىق

يەكەن قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتماڭ


يەكەن قىرغىنچىلىقىنى ئۇنۇتماڭ

 

ئابدۇرېھىم غېنى ئۇيغۇر

 

 

7-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۇيغۇر  ھازىرقى زامان تارىخىدىكى قاباھەتلىك بىر كۈن ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى، 2014 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قارىتا پىلانلىق، تەشكىللىك، مەقسەتلىك، سىستېمىلىق ۋە ئىنسانىيەت قىلىپىدىن چىققان يوسۇندىكى كەڭ كۆلەملىك دۆلەت تېررورلىقى – قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغان كۈن.

 

يەكەن ئۇيغۇر تارىخىدىكى سەلتەنەتلىك ۋە قۇدرەتلىك ئىمپىرىيەلەرنىڭ بىرى بولغان يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى (1514 - 1694)نىڭ پايتەختى بولغان شەھەر بولۇپ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، ھەربىي ئۇتۇق ۋە ئىلىم - مەرىپەت ساھەلىرىدە يۈكسەك كۈلتۈر ياراتقان شۇنداقلا خاقانلىقنىڭ ئىزناسىنى قالدۇرغان قەدىمىي شەھەر.

ئەمما، تارىخ ئاجايىباتلار ۋە پاجىئەلەر بىلەن رەڭدار ھەم جەلپكار بولغىنىدەك، يەكەن تارىخىمۇ بۇ قىسمەتتىن خالىي بولالمىدى.

 2014 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بۇنداق خاسىيەتلىك كۈنلەردە كېچىلىرى ئاساسەن ئۇخلىماي ئىبادەت قىلىدىغان بولغاچقا، 40 نەچچە نەپەر ئايالمۇ بىر يەرگە يىغىلىپ ئىبادەت قىلىدۇ،رامزان ئايلىرىنى دۇئا –تىلاۋەت بىلەن ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن يەكەن ناھىيىسى ئېلىشقۇ بازىرىدا  بىر ئۆيدە يىغىلىپ مەۋلۇت ئوقۇماقچى بولۇشىدۇ.

« ساقچى ۋە ئەسكەرلەردىن تەشكىل تاپقان خىتاي كۈچلىرى ئاياللارنىڭ توپلىنىپ مەۋلۇت ئوقۇۋاتقان ئۆينى پۈتۈنلەي قورشاپ ،ئۆيدىكىلەرنىڭ باش ياغلىقلىرىنى ئېلىپ تاشلاشقا ۋە ئۇزۇن كىيىملىرىنى سالدۇرۇشقا ھەركەت قىلىدۇ ۋە مەۋلۇت ئوقۇۋاتقان ئاياللارنى تۇتۇپ كەتمەكچى بولۇشىدۇ. بۇ ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ۋە ئائىلىسى قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ياغلىقلىرىنى ئېۋېتىشكە ۋە ئاياللىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا قارشى چىقىدۇ. بۇ سەۋەپ بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي كۈچلىرى ئارىسىدا دەسلەپتە بىر مەيدان سۈركىلىش كېلىپ چىقىدۇ. خەلق ئاستا –ئاستا توپلىنىپ،ئىستىخيىلىك ھالدا خىتاي كۈچلىرىنىڭ ئاياللىرىنى تۇتقۇن قىلىشىغا قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىدۇ.

ئەسلىدە بۇ يىغىلىشتىن ئالدىن خەۋىرى بار ۋە بۇ يىغىلىشنىڭ مەيدانغا كېلىشىغا ئاسترتتىن نازارەتچىلىك قىلىپ ئستىخيىلىك ھالدا يېتەكلىنىشىگە  كۆز يۇمغان ، ئاخىرىدا رەزىل مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش،قانلىق قىرغىنچلىق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئۇيغۇن شەرت –شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى تۆت كۆز بىلەن ساقلاۋاتقان خىتاي ھۈكۈمىتى قوراللىق ساقچى قىسىملىرى ئۇلار تۇرغان ئۆيگە باستۇرۇپ

كىرىپ، بۇ ئاياللارنى  ۋە قارشىلىق كۆرسەتكۈچىلەرنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلايدۇ.

بۇ يەكەن ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى گەيشاڭ ساقچىخانا خادىمى ئا ###نىڭ ئۆز بايانى . ھەبىبۇللا ئىزچى كۆك تاشلىق ئارخىپ »

 

دەسلەپكى قەتلىئامدىن كېيىن، شەھىدلەرنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى جەسەتلەرنى كۆتۈرۈشۈپ ئېلىشقۇ ساقچىخانىسىغا بېرىپ، بۇ قەتلىئامغا خىتاي قانۇنى بويىچە جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، رەزىللىك مەنبەسى بولمىش ساقچىلار جاۋاب ئورنىدا كۈپكۈندۈزدە ئۇلارغا قارىتىپ ئوق چىقىرىدۇ. نەتىجىدە، بۇ ناھەقچىلىك – زۇلۇمغا چىدىمىغان يۇرت خەلقى قوزغىلىپ ئېلىشقۇ بازىرىدا نارازىلىق نامايىشى قىلىدۇ. تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا، بۇ نامايىشنى ئۆزىگە قىلىنغان ھاقارەت ۋە خەلقنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇشتىكى تېپىلغۇسىز پۇرسەت دەپ بىلىپ، زېمىندا تانكا، برونېۋىك، ئاسماندا تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار بىلەن چىش - تىرنىقىغىچە تولۇق قوراللانغان ئارمىيە ھەم قوراللىق ساقچىلىرىنى كەڭ – كۆلەمدە ئىشقا سېلىپ، ئېلىشقۇ، خاڭدى، دۆڭباغ، قوشئېرىق قاتارلىق يېزىلاردا ئومۇميۈزلۈك قانلىق باستۇرۇش - قىرغىن قىلىش تېررورلۇق ھەرىكىتىنى ئېلىپ بارىدۇ. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قەتلىئامدا ئەڭ ئاز دېگەندە بەش مىڭدەك ئۇيغۇرنى قىرىپ تاشلاپ، نەچچە ئون مىڭ ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىدۇ.

كېيىن، تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىملىق قەتلىئام - قىرغىنچىلىق ھەققىدە، پەقەت 59 نەپەر نامايىشچى ۋە 39 نەپەر پۇقرا بولۇپ، جەمئىي 96 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ شەھىد بولغانلىقىنى، 250 ئەتراپىدا كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلدى. ئەمەليەتتە بولسا، بۇ پەقەتلا خەلقئارانى ئالداش ئۈچۈن دېيىلگەن سانلىق مەلۇمات ئىدى. چۈنكى، بۇ قىرغىنچىلىقتا ئامان قالغان بولسىمۇ، ئەمما تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىلەردە ئۆلتۈرۈلگەن ۋە مۇددەتسىز ياكى ئۇزۇن يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەددى - ھېسابسىز ئىدى. نامايىش پارتلىغان پۈتكۈل يېزىلار تامامەن قۇرۇقدىلىپ قالغان بولۇپ، شەھىدلەرنىڭ جەسەتلىرى بىر ھەپتىگە يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئاندىن ئاران بىر تەرەپ قىلىنىپ بولۇنغانىدى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، تاجاۋۇزچى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئۆلۈم – يېتىم سانىنى پەقەت يۈزگە يەتمەيدىغان سان بىلەنلا تبزگىنلەپ ئېلان قىلىشى ئەقىلگە مۇتلەق ئۇيغۇن ئەمەس. بۇ خۇددى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋۇخەن شەھرىدىن تارقىلىپ  دۇنياغا ئاپەت بولغان خىتاي ۋېروسى ھەققىدە يالغان سانلىق مەلۇمات بىلەن دۇنيانى ئالدىغاندەك بىر ساختىلىقتۇر. دېمەك، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز جىنايەتلىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ھەرقانداق ئىشتا يالغانچىلىق قىلىدۇ، خالاس. يەكەن قىرغىنچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان يەنە بىر ئىپلاس قىلمىشى شۇكى، بۇ قېتىملىق قىرغىنچلىقتا مەزلۇم ئۇيغۇرلارنىڭ دەريادەك ئاققان قانلىرى ۋە تۆلىگەن ھېسابسىز بەدەللىرى شۇنچە زور بولىشىغا قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا زوراۋان ۋە دىنىي ئەسەبىي قىلىپ كۆرسىتىپ، شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ شەرقى تۈكىستاننىڭ ھەممە يېرىدە جازا لاگېرلىرى قۇرۇلۇشىنى باشلىدى، نەتىجىدە، كېيىنكى كۈنلەردىن تا ھازىرغىچە داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىچىلىق ئۈچۈن يول ئاچتى.

 

مەركىزى گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى» 2016 - يىلى 7 - ئاينىڭ 28 - كۈنى «يەكەن قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى» ناملىق دوكلات ئېلان قىلىپ، 1989 - يىلى 4 - ئىيۇندا بېيجىڭدا يۈز بەرگەن «تيەنئەنمېن ۋەقەسى» بىلەن 2014 - يىلى 28 - ئىيۇل يەكەندە ئېلىپ بېرىلغان «ئېلىشقۇ قەتلىئامى»نى تەپسىلىي سېلىشتۇرغانىدى. دوكلاتتا: «تيەنئەنمېن ۋەقەسى خىتاي خەلقى ئۈچۈن قانداق مەنىنى بىلدۈرسە، ئېلىشقۇ قەتلىئامىمۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن شۇنداق مەنىنى بىلدۈرىدۇ» دېيىلگەن.

 

گەرچە پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرى يەكەن قىرغىچلىقى يۈز بەرگەندە، ھەتتا ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن بۇ قەتلىئامنىڭ ھېسابىنى سورىماي سۈكۈتتە تۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئەركسۆيەر ۋە تىز پۈكمەس  ئۇيغۇر مىللىتى شۇ قىرغىنچىلىقتا شەھىد قىلىنغان بىگۇناھ قېرىنداشلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدۇ. ئۇيغۇر خەلقى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز جىنايەتلىرى ئۈچۈن بىر - بىرلەپ بەدەل تۆلەيدىغانلىقىغا ۋە ھەق - ئادالەتنىڭ سورىقىغا تارتىلىدىغانلىقىغا چەكسىز ئىشىنىدۇ. ۋىجدانىنى يوقاتمىغان، ھەقىقەت ۋە ئىنسانىيلىق تۇيغۇسى ئۆلمىگەن يەر شارىدىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇيغۇر مىللىتى يەنە، ئۆتكەن ئەسىردە فاشىست ۋە كوممۇنىست دۆلەتلەر گۇمران بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى مىللەتلەر ئۆز ھۆرلۈك - مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەنلىكىگە ئوخشاش، خىتاي دۆلىتىنىڭمۇ پات يېقىندا گۇمران بولىدىغانلىقىغا ۋە ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىغا مۇتلەق ئىشەنچ بىلەن قارايدۇ. چۈنكى، جانابىي ئاللاھ سۈرە ئىنشىراھنىڭ 5 - ۋە 6 - ئايەتلىرىدە، ھەربىر مۈشكۈللۈكتىن كېيىن بىر ئاسانلىقنىڭ بار ئىكەنلىكىنى تەكرارلايدۇ.

  خىتاي ھۈكۈمىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 28-كۈنى يەكەن ناھيىسنىڭ ئېلىشقۇ ۋە خاڭدى يېزىسدا  ئېلىپ بارغان   قىرغىنچىلىقى 5. ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىدىن  كېيىن ئۇيغۇرلار دۈچ كەلگەن يەنە بىر قېتىملىق  ۋەھشىي قىرغىنچىلىقلاردىن بىرى. شۇڭا دىئاسپۇرادىكى ئۇيغۇرلار ھەريىلى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى خىتاي ھاكىميىتىنىڭ قانخورلۇقى ۋە زالىملىقىنىڭ ئىسپاتى ۋە دەلىلى  بولغان بۇ قىرغىنچىلىق كۈنىدە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا نامايىش پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش ئەرقىلىق بۇ قىرغىنچىلىقنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ ۋە تارىخقا ئۇنتۇلدۇرۇلمايدۇ. 

 

 

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر