ختتاي تەشۋىقاتى

خىتاي غۇلجىدا ئۆز دەردىنى تۆككەن ئالتە ئۇيغۇرنى ئىغۋا تارقىتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىغۋا مەزمۇنى نېمە؟

by Arman - Sep 14, 2022 0 Comment

 خىتاي غۇلجىدا ئۆز دەردىنى تۆككەن ئالتە ئۇيغۇرنى ئىغۋا تارقىتىش جىنايىتى بىلەن قولغا ئالغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئىغۋا مەزمۇنى نېمە؟

ئۇيغۇر تەكشۈرگۈچى (Uyghur Investigator)

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 14-سېنتەبىر 

شىنجاڭ تور ساقچىسى چارلاش ۋە ئىجرا قىلىش ئىدارىسىنىڭ 12-سېنتەبىر كەچتە «بەيدۇ بەيجيادا» ئېلان قىلغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىلى ئوبلاستى شۇ كۈنى ئاچقان ئاخبارات ئېلان قىلىش يېغىنىدا، ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى مۇئاۋىن باش كاتىپى زىڭ جۈن فىڭ (曾军峰)يېغىندا ئىلىدا يېقىندا يۈز بەرگەن «توردا ئىغۋا تارقىتىش »ئەھۋالىغا قارىتا دوكلات بەرگەن. مەزكۇر ئورگاننىڭ ئېلان قىلىشىچە: يېقىندا بىر قىسىم كىشىلەر توردا ئىغۋا تارقىتىپ،قارشىلىق كەيپىياتى قوزغاپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەرتىپىنى بۇزۇپ، ناچار ئىجتىمائىي كەيپىيات پەيدا قىلغان. توردا تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تور مۇھىتىنى تازىلاش ئۈچۈن 10-ۋە 11-سېنتەبىر كۈنلىرى شۇ يەر ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئالاقىدار كىشىلەرنى قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش جىنايىتى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلدى.
بۇ خەۋەردە دېيىلگەن ئالتە كىشىنىڭ تارقاتقان ئاتالمىش ئىغۋا ئۇچۇرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1-ياشانغان كىشى ئاچلىقتىن ئۆزىنى ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.
2-بىر ئاھالە ۋاقىرىغانلىقى ئۈچۈن ساقچى پىدائىيلىرى تەرىپىدىن چېشى تۆكىۋېتىلدى.
3-يەنە بىر ئاھالە ئىغۋا تارقىتىپ، قارشىلىق كەيپىياتى قوزغىغان
4-يەنە بىر ئاھالە خەلقنى بىنادىن چۈشۈپ توپلىشىشقا دەۋەت قىلغان.
5-قورغاس ناھىيەسىدىكى مەلۇم بىر ئاھالە ئىغۋا تارقىتىپ :بوۋام ئۆيىدە مېڭىسىگە قان چۈشۈپ ئۆلگەن، مەھەللە دەپنە قىلغىلى قويمىغان، تەكشۈرۈش ئۈچۈن سىرتقا چىققىلى قويمىغان، ئۆلگىلى ئىككى كۈن بولسىمۇ،تېخىچە ئۆيدە ياتىدۇ.
6-قورغاستا بىر ئاھالە ئىغۋا تارقىتىپ،«ئىككى ياشقا توشقان بىر بالا قىزىپ ‍ئۆلۈپ كەتكەن، توڭلاتقۇغا سېلىپ مۇزلىتىپ قويدۇق، تېخىچە يەرلىككە قويالمىدۇق» دېگەن.

خىتاي ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىك ج خ تارماقلىرى يۇقىرىقىلاردىن  بەش كىشىگە بەش كۈنلۈكتىن يۇقىرى مەمۇرى توختىتىش جازاسى بەرگەن ۋە بىرگە دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشنى باشلىغان. ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خىتاينىڭ بۇ دېگەنلىرىنى ھېچقانداق ئۇسۇل بىلەن تەكشۈرۈپ دەلىللىيەلمىدى.


بۇ ھەقتە ئامېرىكا ۋىرگىنيە شتاتى ئارلېڭتۇندا ئولتۇرۇشلۇق تۇرسۇنجان ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دېدى:

«خىتاينىڭ ئۆز دەردىنى تۆككۈچىلەرنى، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن يالۋۇرۇپ ياردەم تىلىگۈچىلەرنى تۇتۇپ جازالىشى بىرلا ۋاقىتتا كىشىلەرنى ئۆز ھالىنى توردا تۆكۈشتىن قورقۇتۇش ۋە چەكلەش رولىنى ئۆتىسە، يەنە بىر تەرەپتىن سىرتتىكى كىشىلەرگە غۇلجىدا ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋالىماسلىق ۋە ئاچ قويۇشقا زورلىغانلىقى يالغان دېگەن ئۇچۇرنى تارقىتىشتىن ئىبارەت. ئەمما خىتاينىڭ تۇتۇپ تەكشۈرگەن ئادەملىرى بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى شۇنداقلا بۇنىڭدىن ئېغىر جازا بېرىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى»

 

مەنبە:

https://baijiahao.baidu.com/s?id=1743864704603021133&wfr=spider&for=pc

كۆپ كۆرۈلگەنلەر