ئوتتۇرا ئاسيا

قازاقىستاندىكى ۋەقەلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

by Arman - Jan 05, 2022 0 Comment

ھەبىبۇللا ئىزچى 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 5-يانۋار

قازاقىستاندا جۇمھۇرىيەت تارىخىدا سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن ئەڭ چوڭ نامايىش پارتلىدى.
نامايىشچىلار قازاقىستاننىڭ بۇرۇنقى پايتەختى ئالمۇتانىڭ بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئالمۇتا ئايرودرومى، قانال 24 تېلېۋىزىيەسى، خەلقئارا قانال قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارنى ئىشغال قىلدى. ئالمۇتا ئايرودرومىدا نامايىشچىلار كەلگەندىن كېيىن، ئايروپورت خادىملىرىمۇ نامايىشچىلار توپىغا قوشۇلۇپ كەتتى. ساقچىلار بىز خەلق بىلەن بىللە دەپ تۇتقۇن قىلىشقا قارشى چىقتى.  

بۇ نامايىش تېز سۈرئەت بىلەن قازاقىستاننىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە شىددەت بىلەن كېڭەيگەن بولۇپ، قازاقىستان پرېزىدېنتى جۇمارت توقايېف بۈگۈن ئاخشام دۆلەت بىخەتەرلىك كېڭىشى يىغىنى چاقىرىپ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن مۇستەقىل بولغان، كوللېكتىپ بىخەتەرلىك كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان رۇسىيە، ئەرمېنىيە، بېلارۇسىيەدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ سەۋەبى :

 يېڭى يىلنىڭ 1 كۈنىدىن باشلاپ قازاقىستان ھۆكۈمىتى تەبىئىي گازغا يۈزدە يۈز باھا قوشتى. ئەسلىدىكى 60 تەڭگە بولغان گاز باھاسىنى 120 تەڭگىگە ئۆستۈردى. ئەسلىدىنلا تەبىئىي گاز ۋە ماي باھاسىنىڭ يۇقىرىلىقى سەۋەبىدىن قازاقىستاننىڭ غەربى قىسمىدا داۋاملىق قارشىلىقلار، نامايىشلار بولۇۋاتاتتى.
 
قازاقىستاننىڭ غەربى قىسمى قازاقىستان ئىقتىسادى مەنبەسىنىڭ ئاساسى ئىدى. دۆلەت بۇ يەردە تەبىئىي گاز ۋە تەييار مايلارنى پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ۋە زاپاس ساقلايدىغان ئىقتىسادى مەركىزى ئىدى. قازاقىستان خەلقى ئىشچى ۋە ئىقتىسادى كىرىم قوغلىشىپ غەربكە كۆپلەپ كۆچكەن بولۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى، كۈندىلىك ئىستېمالنىڭ ئېشىشى بىلەن بۇ قىسىمنىڭ ئىقتىسادىي بىر قەدەر جانلانغان ئىدى.
 
ئەمما بۇ بىر تەرەپتىن قازاقىستاندا كىرىم مەنبەسىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك، ۋە يېڭى يىلدىن بۇرۇن پۈتۈن ئىستېمال بۇيۇملىرىدا مال باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئەسلىدىنلا خەلقنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقىنى ئاخىرقى نۇقتىغا كەلتۈرگەن ئىدى. يېڭى يىلدىن كېيىن تەبىئىي گازغا قوشۇلغان باھا بىراقلا خەلقنىڭ يىغىلىپ قالغان  نارازىلىقىنىڭ پارتلىشىغا سەۋەب بولدى.

ئەمما ئىشنىڭ ئەسلىگە قارايدىغان بولساق قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ گاز باھاسىنى تەڭشىشى دۇنيادىكى تەبىئىي گاز مىقدارىنىڭ ئازىيىشى ۋە دۇنيا مىقياسىدا گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەمما بۇ قېتىمقى گاز باھاسىنىڭ ئۆسۈشى پەقەتلا بۇ نامايىشنى ھەرىكەتلەندۈرگەن بىر كاتالىزاتور رولىنى ئوينىغان. ئەسلى سەۋەب ئىقتىسادى تەڭپۇڭسىزلىق، ھۆكۈمەتنىڭ ئىشەنچسىزلىكى، دۆلەت ئورگانلىرى مال باھاسىنى تەڭشەشتە خەلقنىڭ پىكىرنى ئالماسلىقى، دېموكراتىك باشقۇرۇشنىڭ يوقلۇقى ئاساسلىق ئامىلدۇر.

يەنە بىر تەرەپتىن قازاقىستاننىڭ غەربى ئەمەلىيەتتە ئەڭ باي تۇپراق بولسىمۇ، ئەمما بۇ يەردىكى يەرلىك خەلق نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدا دېيىشكە بولىدۇ. يەرلىك ئىشچىلارنىڭ مائاشى بىر خىتاي كۆچمەن ئىشچىنىڭ مائاشىدىن نەچچە ھەسسە تۆۋەن. قازاقىستان تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىشتا ئاساسلىقى خىتاي مەبلىغىگە تايىنىدۇ، بۇ سەۋەب بىلەن قازاقىستاننىڭ بۇ يەردىكى تەبىئىي بايلىقلاردىن ئالىدىغان ھەسسىسى يۈزدە 10 بىلەن يۈزدە 15 ئەتراپىدا.80%  بايلىق خىتايغا ئوخشاش مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. يەنى خەلق سۇ بويىدا سۇغا مەن تەشنا دېگەندەك ئالتۇن تاۋاقنىڭ گىرۋىكىدە نامراتلىق سىزىقىنىڭ ئاستىدا بولۇشى يەنە بىر ئامىل.

بۇندىن باشقا، قازاقىستان خەلقى ئاساسلىقى كرېدىت بىلەن ھاياتىنى داۋام قىلىدۇ، بۇ سەۋەبتىن دۆلەتنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادى نۇقتىدىن يېتەرسىز قالغانلىقى سەۋەبلىك، بۇندىن بۇرۇنمۇ نەچچە قېتىم خەلققە مائاش تارقىتىلمىغان ۋە توختىماي نامايىشلار بولغان. شۇڭا بۇ قېتىمقى نامايىشتا خەلق، ئاساسلىقى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىنى ۋە ئىستېپا بېرىشىنى، ھۆكۈمەتنىڭ 1993- يىلىدىكى ئاساسىي قانۇننى ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى، ۋە خىتاينىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان قازاقىستاندىكى تەسىرىنى، نازاربايېۋ جەمەتىنىڭ قارا جەمئىيەت تۈسىنى ئالغان دۆلەتنى سېتىپ خەجلىشىنى يوقىتىشنى تەلەپ قىلغان ئاساسلىق ئامىلدىن بىرىدۇر.

ئەڭ مۇھىمى خەلق سوۋېتنىڭ تەسىرىدىن تەلتۆكۈس قۇتۇلۇشنى، سوۋېت زامانىدىن قالغان دىكتاتور مەمۇرلارنىڭ تازىلىنىشىنى تەلەپ قىلىشىمۇ يەنە بىر ئامىلدۇر.

قازاقىستان خەلقى بۈگۈنكى خەۋەردە تالدى قورغاندىكى نازاربايېۋنىڭ ھەيكىلىنى ئۆرۈدى ۋە نازاربايېۋ دەۋرى تەلتۆكۈس ئاخىرلىشىشى كېرەك دەپ شوئارلارنى توۋلىغان. قازاقىستاندىكى بەزى زىيالىيلارنىڭ بەرگەن ئۇچۇرىدا بۇ قېتىمقى نامايىشنى ھەرىكەتلەندۈرگەن ئامىللاردىن بىرى، رۇس خاككېرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە يۇقىرى قاتلامنى چۈرۈتكەن خىتاي لوبىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى دەپ قارىماقتا.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر