ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە خىتايغا قارشى يادرو سۇ ئاستى پاراخوتى ھەمكارلىقىنى ئېلان قىلدى
يۈسۈپجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 14-مارت
خەلقئارا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 13-مارت ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدېن، ئەنگلىيە باش ۋەزىرى رىشى سۇناك ۋە ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى ئانتونىي ئالبانەس قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى كالىفورنىيە شتاتىغا جايلاشقان سان دېئاگو دېڭىز ئارمىيە بازىسىدا يېڭى بىر نۆۋەتلىك «ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىق»(AUKUS) يىغىنىغا قاتناشقاندىن كېيىن، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان.
بىرلەشمە باياناتتا دېيىلىشىچە، بىرىنچى قەدەمدە ئاۋسترالىيە دېڭىز ئارمىيەسى تەۋەسىدىكى تېخنىك خادىم ۋە ئىنژېنېرلار ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى كېمە ياساش زاۋۇتلىرىغا ئەۋەتىلىپ تەربىيىلىنىدۇ، 2027-يىلىدىن باشلاپ تۆت دانە ئامېرىكىنىڭ ۋە بىر دانە ئەنگلىيەنىڭ يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى ئاۋسترالىيەنىڭ غەربىگە جايلاشقان پېرس ھەربىي بازىسىغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ؛
ئىككىنچى قەدەمدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى تەستىقلىغان ئەھۋالدا، ئاۋسترالىيە ئامېرىكىدىن ئۈچ دانە «ۋېرگىنىيە» دەرىجىسىدىكى يادرو سۇ ئاستى كېمىسىنى سېتىۋالىدۇ، كونكرېت ئەھۋالغا ئاساسەن يەنە ئىككى دانە كېمىنى سېتىۋالسا بولىدۇ، بارلىق يادرو كېلىمىلىرى 2030-يىلىدىن باشلاپ تاپشۇرۇلۇشقا باشلايدۇ؛
ئۈچىنچى قەدەمدە ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىشىپ يېڭى بىر ئەۋلاد ھۇجۇمچى سۇ ئاستى كېمىسىنى ياساشقا كىرىشىدۇ، بۇ پىلان 2030-يىلىدىن 2040-يىلىغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ؛
تاراتقۇلارنىڭ خەۋەرلىرىدە دېيىلىشىچە، 18 ئايدىن بۇيان پۇختا تەييارلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر پىلاننىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى 14-مارت بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ مۇنداق دېگەن: « ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتنىڭ ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، بۇلار كۈنسېرى خاتا ۋە خەتەرلىك بولغان يۆلىنىشكە قاراپ كېتىپ بارىدۇ، ئۆزلىرىنىڭ گىئوپولىتىكىلىك مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەپ خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆزىگە ئېلىپمۇ قويمايۋاتىدۇ...»