ئاياللار

ۋاپات بولمىغۇچە، ياخشى گېپىنى قىلماسلىق ئەھدىنامىسى


 ئۇيغۇرىئان


تۈنۈگۈن 2022-يىلى 9-يانۋار ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەل ھاياتىدىكى بەك مۇھىم زىيالىي ئەربابىدىن بىرى ۋاپات بولۇپتۇ. ئىسمى- ئىستانبۇلدىن  ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر زىيالىيسى، شائىرە، تەرجىمان زەينۇرە ئەيسا ئىكەن. تۈنۈگۈندىن بېرى يۈزلىگەن كىشىلەرنىڭ سوسىيال مېدىيادا ئېلان قىلغان يازمىلىرىغا ئاساسلانغاندا، مەرھۇمەنىڭ قىلغان ئىش-ئىزلىرى كىشىنى سۆيۈندۈرىدۇ. مەن بۇنداق خانىمنىڭ بارلىقنى بىلمىگەنلىكىمدىن ئۆزۈمنى ئەيىبلىدىم. مەن ئۆتكەن 4 يىلدا بۇنداق بىر مۇنەۋۋەر، ئىلغار، پىداكار بىر ئۇيغۇر خانىمنىڭ بارلىقىنى ھېچكىمدىن  ئاڭلىمىغان ئىكەنمەن. ھەتتا بىرەر تاراتقۇ، ياكى بىرەر داڭلىق سۆزمەن ياكى مەدداھ ياكى بىرەر سىياسەتچى ئۇنىڭغا بىر بەت ياكى بىر  مىنۇت ۋاقىت بېغىشلاپ ئۇنى تونۇشتۇرمىغان ئىكەن.

 
ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى شۇ قەدەر مۇھىم ۋە تەسىرلىك بولۇشىغا قارىماي، ئۆتكەن 4 يىلدا ئۇنىڭدەك مۇھىم بىر ئەربابىمىز ھەققىدە ھېچكىم توختالماپتۇ. پەقەت ئۆزىمىزنىڭ مەينەت سىياسىي جېدەللىرىمىز جاھاننى قاپلاپ، ھەر قانداق سەمىمىي،ياخشى، ۋەتەنپەرۋەر كىشىلىرىمىزنىڭ ئۇنتۇلۇشىغا يەتكۈچە سەۋەب بولۇپتۇق.

ئارىمىزدا مۇشۇنداق ئۇنتۇلغان، قەدرى قىلىنمىغان يەنە قانچىلىك ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتپەرۋەر زىيالىيلىرىمىز كۆمۈلۈپ قالدى؟

ۋەتەندىكى چاغدا ئومۇملاشقان: ۋاپات بولمىغۇچە، ياخشى گېپىنى قىلماسلىق ئەھدىنامىسى 90-يىللارنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ تەنقىدكە ئۇچرىغانىدى. مۆتىۋەرلىرىمىزنى ھايات چېغىدا بايقاش، چۈشىنىش ۋە تونۇشتۇرۇش دولقۇنى قوزغالغانىدى.

چەتئەلدە بىز سانىمىز ناھايىتى چەكلىك، پىداكار ئۇستازلىرىمىز تېخىمۇ چەكلىك.

ئۇنداقتا، نېمىشقا ئۇلار ھەققىدە ھايات ۋاقتىدا  يازمايمىز -يۇ، ۋاپات بولغان ھامان ئۈنچە-مارجان قايناپ قالىمىز؟

قېنى ئاۋۋال ھاياتلىرىمىزنىڭ قەدرىگە يېتەيلى. ئۇلارنى بايقايلى، تونۇشتۇرايلى، ئۇلارنىڭ ھاياتىنى بىلەيلى، ئىش-ئىزلىرىنى ياشلارغا يەتكۈزەيلى، خاتالىقلىرى بولسا ئىبرەت ئالايلى، سەھنىلىرىمىزدە ئۇلارغىمۇ ئورۇن بېرەيلى. ئۇلارنىڭ ھاياتى، بىزنىڭ تارىخىمىزنى ياسايدۇ.

بىزمۇ پات ئارىدا قېرىيمىز، ياشىنىمىز، ئۆلىمىز...

كۆپ كۆرۈلگەنلەر