ۋەتەن جەمئىيتى

ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىغا ئوت كېتىپ كەم بولغاندا ئون ئۇيغۇر قازا قىلغان

by Arman - Nov 24, 2022 0 Comment

 ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئاھالىلەر ئولتۇراق بىناسىغا ئوت كېتىپ ئون ئۇيغۇر  قازا قىلغان

تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 24-نويابىر

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، 24-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايونى بۇلاقبېشى (سەنشىخاڭزا) مەھەللىسىگە جايلاشقان مەلۇم ئولتۇراق بىناسىغا ئوت كەتكەن بولۇپ، ئاز بولغاندىمۇ ئىككى ئۇيغۇر بالىسى قازا قىلغان.ختتاينىڭ ۋىرۇس قامال سياستنىڭ بىۋاستە زىينى ئۇيغۇرلارغا بولغان



خىتاي دائىرىلىرى ھازىرغىچە بۇ ۋەقە ھەققىدە رەسمىي يوسۇندا بايانات بەرمىدى.

ئەمما ئىگىلىشىمىزچە، بۇ بىناغا ئوت كەتكەندىن كىيىن، ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىلىرى 3 سائەتكە يېقىن مەزكۇر ئاھالە رايونىغا كىرەلمىگەن، سەۋەبى: «زىيادە كۆپ ماشىنىلار يولنى توسۇۋالغان». مەزكۇر  قورۇدا  تۆت بىرلىك بىنا بولۇپ، ئاساسلىقى ئۇيغۇرلار ياشايدىكەن.

تولۇقلىما: 25-نويابېر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىدا تارقالغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ئوت ئاپىتىدە 40 تىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى تېخىچە بۇ ھەقتە ئېنىق ئۇچۇر ئېلان قىلمىغان.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر