ختتاي دىپلوماتىيسى

ياۋروپادىن گېرمانىيە خەلقئارا بېسىمغا قارىماي جاللات شى جىن پىڭنىڭ ئالدىغا سالامغا باردى

by Arman - Nov 04, 2022 0 Comment

 ياۋروپادىن  گېرمانىيە خەلقئارا بېسىمغا قارىماي جاللات شى جىن پىڭنىڭ ئالدىغا سالامغا باردى

تۇرسۇنجان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 4-نويابىر

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولەف شولتىز خەلقئارا جەمئىيەت، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قارشىلىق تەلەپلىرىگە پىسەنت قىلماي كارخانىلارنىڭ ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئورنىتىش ئۈچۈن يېڭىدىن تەختكە داۋاملىق ئولتۇرغان جاللات شى نىڭ ئالدىغا سالامغا باردى.
سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يۈزەكى تىلغا ئالغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
گېرمانىيە غورۇسىز دەپ تەنقىدلەنمەكتە.
ئامېرىكىدىكى تاراتقۇ خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بېجىڭدا شى جاللات گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولەف شولتىزغا ئەمىلى ياكى ھۆرمەت نامىنى ئاتىماي، ياخشىمۇسىز دەپلا ئاتىغان.
ئولەف شولتىزنىڭ بىچارە قىياپىتى، شى جاللاتنىڭ ھاكاۋۇر ھالىتى پۈتۈن مېدىيالارنى قاپلىدى. 
گېرمانىيە خىتايغا بولغان باش ئېگىشتە رۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرىغا باش ئەگكىنىدىنمۇ بەك ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى ، بۇنىڭدىن كىيىن خىتاي بىلەن داۋاملىق كۈچلۈك ھەمكارلىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر