تۈركىيە خەۋەرلىرى

ئەردوغان: روسيەنىڭ پۇل تۆلەش سستىمىسنى قوبۇل قىلىمىز.غەرپ ئەندىشگە چۈشتى.


ئەردوغان:  روسيەنىڭ پۇل تۆلەش سستىمىسنى قوبۇل قىلىمىز.غەرپ ئەندىشگە چۈشتى.

تۇرسۇنجان،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 8-ئاۋغۇست،

 

تۈركىيە پىرەزدىنتى ئەردوغان روسيە پىرەزدىنتى پۇتىن بىلەن روسيەنىڭ سوچى شەھىرىدە كۆرۈشۈپ، روسيەنىڭ پۇل تۆلەش سستىمىسنى «مىر كارتىسى»نى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇنىڭ بىلەن روسيە ئۇكرائىنا تاجاۋۇزچىلىقى سەۋەبلىك غەرپ قوللانغان جازالاشتىن قاچالايدىغان بولۇپ، ناتو دۆلەتلىرى ئىچىدە پەقەت تۈركىيەلا روسيەگە بۇ قەدەر دوستانە مۇئامىلە قىلغان.

تۈركىيە روسيەنىڭ ئۇكرائىنا تاجاۋزۇچىلىقىنى ئەيىپلىگەن بولسمۇ، ھىچقانداق ئېقتسادى جازا قوللانمىغان. ھاۋا تەۋەلىكىنى تاقىمىغان،تۈركىيە روسيە ساياھەتچىلىرى ياخشى كۆرىدىغان مەنزىل ھسابلىنىدۇ.

غەرپ تۈركىيەنىڭ بۇ قىلمىشنى ئەيىپلىىدى ۋە تۈركىيە روسيەنىڭ تاجاۋزۇچىلىقىغا ئېقتسادى يول ئىچىپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

تۈركىيەنىڭ روسيەگە ئېقتسادى يول ئىچىپ بىرىشدىكى سەۋەپ-تۈركىيە ئېقتسادى ئۇدا تۆۋەنلەپ،پۇل پاخاللىقى 80% كە ئۆرلىگەن بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ختتاي ۋە روسيە بىلەن بولغان سودا ئالاقسنى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر