تەيۋەن تاشقى ئشلار منستىرى جوزىف ۋۇ ئاۋسترالىيە ئاسمان تېلۋىزىيەسگە بەرگەن زىيارىتىدە مۇنداق دىدى: تەيۋەنگە كىمنىڭ ياردەم قىلىدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، 2027-يىلىغىچە ختتاي بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئىھتىماللىقىمىز كۈچلۈك،ئەمما ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ،ئەگەر ساقلىنالمىساق، بىز ختاي بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا تەييار، ھىچكىمدىن بىز ئۈچۈن ئۇرۇش قىل دەپ يالۋۇرمايمىز.
تەيۋەننىڭ نوپۇسى 23 مىلىيون ، ختتاي نوپۇسى بىر مىلىيارد 400 مىلىيون بولۇپ، ختتاي ھەربى، نوپۇس ۋە جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىككە ئىگە.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە تەيۋەننى رەسمى قوغدايمىز دەپ بىردەك ھالەتتە ئاشكارا ۋەدە بەرمىدى،ئەمما مۇتەخەسسلەر پىرەزدىنىت بايدىننىڭ تەيۋەننى قوغدايمىز دىگەن سۆزىدىن ئامېرىكا بەلكىم تەيۋەننى قوغداش ئۇرۇشىغا قاتنىششى مۇمكىن دەپ پەرەز قىلماقتا.ئامېرىكىدا ھازىرغىچە تەيۋەننى قوغداش ئۇرۇشى ھەققىدە ئىككى قېتىم تەقلىدى ئويۇن ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ، ئۇرۇشتا ئامېرىكا ۋە ختتاي ئوخشاشلا ئىغىر تالاپەتكە ئۇچرايدۇ. سياسەتچىلەر ئۇرۇشنىڭ ئىنسانىيەتكە كەلتۈرىدىغان خەۋپ-خەتىرى سەۋەپلىك، ختتايدەك چوڭ دۆلەت بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلىنىش ھەققىدە ئىزدەنمەكتە. ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق گېزىتى نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى ئۆتكەن ئايدا ئوبزور ئىلان قىلىپ: «قانداق قىلغاندا ختتاي بىلەن ئۇرۇشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ؟» دىگەن ماقالىدا، ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكىغا ئادەم كۈچى، ئېقتساد، ھەربى جەھەتتە ئىلىپ كىلىدىغان زىيانلىرىنى تونۇشتۇردى ۋە ئۇرۇشتىن ساقلىنىشنىڭ ئۇسۇللىرىنى تونۇشتۇردى.
ۋاشنگىتوندىكى ئۇرۇشقا قارشى تەتقىقات مەركىزى بولغان كېۋىنستى ئىنۇستىتۇتى ختتاي بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئنسانىيەت ئۈچۈن بىر ئاپەت بولىدىغانلىقى ھەققىدە بشارەت بىرىپ،ئامېرىكا ئاقىللىرىنى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئىلشقا چاقىرغان.
بايدىن ھۆكۈمىتى تەختكە چىققاندىن كىين،ئامېرىكا-ختتاي مۇناسۋەتلىرى تەيۋەن مەسلىسى، جاسوسلۇق شارچىسى، شى جىن پىڭنىڭ باستۇرۇش سياسىتى،روسيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشنى قوللىشى قاتارلىق ئامىللار سەۋەبىدىن بارغانسرى يامانلاشماقتا.بىر قسم ئامېرىكا كارخانىچىلىرى «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ختتايغا قارشى ھەدىدىن ئاشقان رادىكال سياسەت قوللاندى ، دەرھال ئارىنى ياخشىلاش كىرەك »دەپ چاقىردى.
ئەمما ختتاي 2023-يىلى 3-ئايدىن باشلاپ، پىرەزدىنت دەرىجىلىك ياكى تاشقى ئشلار منسترلىك دەرىجىلىك دىپلوماتىيە ئالاقسنى رەت قىلدى،شى جىن پىڭ ۋە چىنگاڭ بايدىن ۋە بىلىنكىننىڭ تىلفوننى قوبۇل قىلمىدى.