تۈركىيە خەۋەرلىرى

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە خىتاينىڭ جىنايى ئىسپاتلىرىنى سۇندى

by Arman - Nov 23, 2022 0 Comment

 لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە خىتاينىڭ جىنايى ئىسپاتلىرىنى سۇندى 

ئامىنە سەدەف

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 23-نويابىر

11-ئاينىڭ 15-كۈنى لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا، يۈزلىگەن ئۇيغۇرلار قوللىرىدا خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرى ۋە تۈرمىلىرىدە ئازاب چېكىۋاتقان ئۇرۇق- تۇغقانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا ئىستانبۇل چاغلايان ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ  ئالدىدا توپلاندى. بۇ يىغىلىشقا  ئادۋوكاتلار، بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە يەرلىك مۇخبىرلارمۇ قاتناشتى. 



ئالدى بىلەن لاگېر قۇربانلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن مەدىنە نازىمى ۋە مىرزەخمەت ئىلياس ئوغلى قاتارلىقلار ئىستانبۇل باش تەپتىشىگە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار تەييارلانغان ماتېرىياللارنى ئادۋوكاتلىرىنىڭ ياردىمىدە  تاپشۇردى. ئارقىدىن چاغلايان ئەدلىيە مەھكىمىسىنىڭ ئالدىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش، ئاخبارات ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. 

لاگېر قۇربانلىرى يېقىنلىرى گۇرۇپپىسى بۇ يىلنىڭ بېشىدا خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە جازا لاگېرىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئارخىپ تۇرغۇزۇشقا باشلىغان بولۇپ، پاكىتلارنىڭ ئېنىق ۋە دەلىل ئىسپاتلارنىڭ كۈچلۈكلۈكى بويىچە قايتا-قايتا تاللاش نەتىجىسىدە،  بۇ يىل 1- ئاينىڭ 4- كۈنى ئىستانبۇل باش تەپتىش مەھكىمىسىگە 19 گۇۋاھچىنىڭ نامىدا 119 زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا ۋاكالىتەن 120 خىتاي خىزمەتچىلىرى ئۈستىدىن ئەرز سۇنغان ئىدى. 

بۇنىڭ ئىچىدىكى 120 خىتاي خىزمەتچىلىرى جازا لاگېرلىرى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋىتى بولغان خىتاي ئەمەلدارلىرى،  ساقچى ۋە ئامانلىق قوغدىغۇچى ، مەھەللە كادىرلىرىدىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ ئەرزنىڭ سۇنۇلۇشىدا بىر تۈركۈم تۈرك ئادۋوكاتلار ۋە پائالىيەتچىلەر ئىزچىل قوللاپ، قانۇنىي جەھەتتىن ياردەمدە بولۇپ كەلدى. 

بۇ قېتىمقى ماتېرىيال تاپشۇرۇش، مۇشۇ دەۋانىڭ يېڭىپ چىقىشى ئۈچۈن يەنە بىر قىسىم يېڭى  ئىسپاتلارنى يىغىش ۋە رەتلەش ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدى. 

ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىندا ئادۋوكات گۈندەم سۆنمەز ۋە لاگېر قۇربانلارنىڭ يېقىنلىرى بىردەك تۈركىيە دۆلىتى قانۇن رەھبەرلىرىدىن بۇ دېلوغا تەپسىلىي قاراپ چىقىشىنى، ئادالەت تەرەپتە تۇرۇپ قارار بېرىشىنى ۋە خىتاي جازا لاگېرلىرىدىكى تۈرك ۋەتەنداشلىرىنى شۇنداقلا تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئەمما پەرزەنتلىرى خىتايدا قالغان ئائىلىلەرگە ياردەمچى بولۇپ، مەسۇم بالىلارنى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن جەم قىلىشىنى بىردەك ئۆتۈندى. 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر