ختتاي تەشۋىقاتى

« شەرقى تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى» نىڭ ئەڭ ئاساسلىق توسالغۇسى خىتايلار بولماستىن بەلكى يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان قازاق ۋە تاجىكلاردۇر

by Arman - Jan 04, 2022 0 Comment



ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022- يىلى 4-يانۋار

ئەنما (安玛) ئىسىملىك خىتاي تور يازارىنىڭ 2009-يىلى 15-ئىيۇلدا يازغان، خىتايدىكى مۇنازىرە مۇنبەرلىرىدە كەڭ تارقالغان يازمىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تولۇق تەرجىمىسى. 

ئەسكەرتىش: يازمىدا ۋەتىنىمىزنىڭ مۇقەددەس نامى ئەسلى يازما بويىچە ئاتالمىش «شىنجاڭ» دەپ تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمىدە: ئۇيغۇر تېكىن

مەنبە: https://bbs.creaders.net/

ماۋزۇسى: شىنجاڭدىكى بۆلگۈنچىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ توسالغۇسى خىتايلار بولماستىن بەلكى شىنجاڭنىڭ ئەسلى يەرلىك مىللەتلىرى بولغان قازاق ۋە تاجىك مىللەتلىرىدۇر!

شىنجاڭ ئورۇنلاشقان جۇغراپىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، تەڭرى تاغلىرىنى چېگرا قىلىپ تۇرۇپ، شىمالى شىنجاڭ ۋە جەنۇبى شىنجاڭ دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان جەنۇبى شىنجاڭنىڭ تەبىئىي بايلىقى ئاز، مۇھىتى بىر قەدەر ناچار، شىمالى شىنجاڭ بولسا شىمالىي مۇز ئوكيان ۋە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىللىق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدىن ھاۋاسى ياخشى، تۇپرىقى مۇنبەت. بۇ يەردە كەڭ كۆلەمدە ئەلا سۈپەتلىك تېرىلغۇ يەرلەر، ئورمانلىقلار بار بولۇپ، بۇ يەرلەر نوپۇس سانى كۆپ بولمىغان قازاقلار ۋە تاجىكلارغا مەنسۇپ.

قازاق ۋە تاجىك مىللەتلىرى ئەۋلادتىن ئەۋلاد بۇ يەردە ياشاپ كېلىۋاتقان يەرلىك مىللەتلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەلۋەتتە شىنجاڭدىكى ئەڭ ياخشى يەرلەرنى تاللاپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر تارمىقى بولسا تاڭ سۇلالىسىنىڭ ئوتتۇرا كېيىنكى دەۋرلىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق يەرلەردىن كۆچۈپ كەلگەن مىللەت بولغانلىقى ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭغا ئوخشاش شارائىتى ناچار، نوپۇسى ئاز بولغان يەرلەرنى تاللاپ ئولتۇراقلىشىشقا مەجبۇر بولغان. تەيۋەننىڭ تارىخىغا قارىساق، نوپۇسى مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگىلىگەن خىتايلار يەرلىك خەلقلەرنى تاغلارغا ھەيدەپ چىقىرىپ، ئۆزلىرى ئەڭ ياخشى يەرلەرنى ئىگىلەپ ياشىغان ئەھۋاللارنى كۆرىمىز. ئەمما بۇ خىلدىكى ئەھۋال شىنجاڭدا كۆرۈلمىگەن. چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا نوپۇس سانى ئاز بولغان كۆچمەن ئۇيغۇرلار قازاق ۋە تاجىك قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنى قوغلاپ كېتەلمىگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قوللانغان بىردىنبىر ئۇسۇلى بولسا، ئاز دېگەندە 7-8 ياكى 10دىن ئارتۇق پەرزەنت تۇغۇپ تەدرىجىي ھالدا كۆپىيىپ ھازىرقى دەۋرگە كەلگەندە شىنجاڭدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەتكە ئايلاندى. ئەمما ئۇلار يەنىلا جەنۇبىي شىنجاڭغا ئوخشاش نامرات رايونلاردا ياشاپ كەلدى. نامرات بولغانسېرى تېخىمۇ كۆپىيىپ ناچار بولغان ئايلانما ھالەتنى شەكىللەندۈردى.

بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، رادىكال ئىسلام ئىدىيەلىرىنى ئاساس قىلغان شىنجاڭ بۆلگۈنچى كۈچلىرى مەقسەتلىرىگە يېتىپ شىنجاڭنى مۇستەقىل قىلسا چوقۇم ۋەھشىيلەرچە شىمالىي شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ماكانلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ. شۇڭا شىنجاڭنىڭ يەرلىك مىللەتلىرى بولغان قازاق ۋە تاجىكلار بۇ بۆلگۈنچى كۈچلەرگە خىتايلاردىنمۇ بەكرەك مۇستەھكەم ھالدا تاقابىل تۇرۇپ كەلدى. بۇنىڭ مىساللىرىنى ھەر قېتىمقى بۆلگۈنچىلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان قالايمىقانچىلىقلاردا قازاق ۋە تاجىك مىللەتلىرىنىڭ يۇقىرى رەۋىشتە بۆلگۈنچى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇپ ئاۋاز چىقىرىۋاتقانلىقىدىن كۆرەلەيمىز.   

بۆلگۈنچى كۈچلەر دىققەتنى بۇراش ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغاش ئۈچۈن مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىنى خەلقنىڭ دېموكراتىك ھوقۇقلىرى بىلەن باغلاپ، نىشانىنى خىتايلار ھاكىمىيەت تۇتقان خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىنى يوقىتىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى تەشۋىقاتلارغا مەركەزلەشتۈردى. ئەمما يېرى ۋە بايلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدىنمۇ مۇنبەت ھەم مول بولغان شىمالى شىنجاڭدىكى ياشاۋاتقان يەرلىك مىللەتلەردىن بولغان قازاق ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان مەيدانىنى خەلقئارادا تىلغا ئېلىپمۇ قويمىدى. ھا ھا ھا! ئەمەلىيەتتە بولسا مۇشۇ تىلغا ئېلىنىۋاتقان شىنجاڭنىڭ يەرلىك مىللەتلىرى بولسا بۆلگۈنچىلەرنىڭ كۆزىگە قادالغان مىخ ئىدى! بۆلگۈنچىلەرنىڭ بۇ خىلدىكى قىلمىشلىرى پەقەتلا ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىنىڭ مەنتىقسىز ئىكەنلىكىنى، دەسمايىسىنىڭ يېتىشمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ خالاس.

بىر قانچە مىسال ئارقىلىق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى كۆرۈپ باقايلى

مەيلى تارىخىي ياكى ئەمەلىي سەۋەبلەر بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۈگۈنكىدەك ئىقتىساد يۇقىرى دەرىجىدە تەرەققىي قىلىۋاتقان شارائىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتكە قېقىلىشى ھەقىقەتەنمۇ كۆز ئالدىمىزدىكى بىر پاكىت. جەمئىيەتتىكى ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلىشالماسلىقىدا مەلۇم دەرىجىدە ھۆكۈمەتنىڭمۇ مەسئۇلىيىتى بار. كۆپ يىللار مۇقەددەم مەركىزى مىللەتلەر ئىنستىتۇتىدىكى ئۇيغۇر ئىقتىسادشۇناسلار بۇ ھەقتە نۇرغۇنلىغان ئىلمىي مۇھاكىمە ماقالىلىرىنى يازغان ئىدى، خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ بۇنىڭغا پەرۋاسىز كۆز قاراش تۇتمىغان ئىدى. ئەمما توختىماي تىرىشچانلىقنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. بۇ يەردە تۆۋەندىكى بىر قانچە مىساللارنى ئېلىشقا بولىدۇ.

بىرىنچى مىسال: ئىچكىرىدىكى ھەرقايسى داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە شىنجاڭ سىنىپلىرى تەسىس قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بېيجىڭ، شاڭخەيگە ئوخشاش چوڭ شەھەرلەرگە ئەۋەتىپ تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانلىرىدا يۇقىرى نومۇر ئېلىشى ئۈچۈن شارائىتلار ھازىرلاپ بېرىلدى. ئۇلارنىڭ چىقىملىرىنى ھۆكۈمەت ئۆز ئۈستىگە ئالدى. داڭلىق ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى شىنجاڭ سىنىپى بولغاندىن سىرت بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوخشاش ئىچكىرىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا شىنجاڭ سىنىپى تەسىس قىلىنمىدى، ئەمما ئۇلار نومۇر چېكىنى يۇقىرى دەرىجىدە تۆۋەنلىتىپ شىنجاڭدىن كەلگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا شارائىتلارنى ھازىرلاپ بەردى. بۇ سىياسەتلەر تاراتقۇلار تەرىپىدىن «خەلق قەلب قۇرۇلۇشى» دەپ تەرىپلەندى. ئەمما ھازىرقى ئەھۋالغا قارىساق بۇ سىياسەتلەر كېسەلنى تۈپتىن ساقايتمىغاندەك قىلىدۇ. 

ئىككىنچى مىسال: شىنجاڭدا بىر ئۇيغۇر ئىگىلىك تىكلەپ سودا قىلىمەن دېسە بىر تېلېفون بىلەنلا مەسئۇل رەھبەرلەر ئۆزلىرى شۇ ئۇيغۇرنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ياردەم قىلىپ بارلىق رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىدۇ، ھەتتا ھەقسىز ھالدا بېجىرىدۇ. كېيىنكى ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرىدىمۇ قوشۇپ تەمىنلەپ بېرىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇر تىجارەتچىلەر ئۈچۈن يارىتىپ بېرىلگەن قۇلايلىق شارائىتلار، ئەمما خىتايلار بولسا چوقۇم ئۆزلىرى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا بىرمۇ بىر بېرىپ، ئۆچىرەتتە تۇرۇپ ئىشلىرىنى بېجىرىدۇ، شۇنداقلا ھەممىسى ئۈچۈن ھەق تۆلەيدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىدە يەر چوڭ بولغان بىلەن نوپۇس يەنىلا ئاز ساندا. شىنجاڭغا كېلىپ سودا قىلىدىغان خىتايلارنىڭ كۆپىنچىسى جېجياڭ، ۋىنجۇ قاتارلىق يەرلەردىن كەلگەن سودىگەرلەر، ئۇلار دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ مىلىچ ماللىرىنى، كىيىم-كېچەك، ئاياغ، دوپپىلىرىنى شۇنداقلا ئائىلە سايمانلىرىنى شىنجاڭغا ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەر ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە چىقىرىدۇ. بۇ جەرياندا ئۇلار نۇرغۇنلىغان تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىدۇ، ئۇيغۇرلار بولسا ھۆكۈمەتنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ خىلدىكى ۋىنجۇلۇق سودىگەرلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كېتەلمەيدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىنمۇ شۇنى ھېس قىلغىلى بولۇدىكى، ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا يولغا قويغان سودىدىكى ئېتىبار سىياسەتلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇلارغا چوڭ ياردەممۇ بولالمايدۇ.

ئۈچىنچى مىسال: نېمىشقىكىن شىنجاڭدىكى مول بولغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز بايلىقلىرى قارىماي، شىخەنزىگە ئوخشاش شىمالىي شىنجاڭ رايونىغا مەركەزلەشكەن. بۈگۈنكى جەنۇبى شىنجاڭدا بولسا تەبىئىي بايلىقى كەمچىل، ۋە قاقاس يەرلەر كۆپرەك. پەقەتلا كۆپ ساندىكى مائارىپ سەۋىيەسى تۆۋەن ئۇيغۇرلارلا بار بولۇپ، بۇ يەرلەر تىپىك ھالدىكى دۆلەت دەرىجىدىكى نامرات رايونلار ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت بۇ رايونلاردىكى ئىشسىزلىقنى ئازايتىش ئۈچۈن تەشكىللىك ھالدا ئۇيغۇر ياشلىرىنى يىغىپ ئىچكىرىدىكى دېڭىز بويى رايونلىرىغا ئەۋەتىپ ئۇلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىدۇ، ئەمما خىتايلار بولسا ئۆزلىرى خىزمەت ئىزدەپ يۈرىدۇ. ئۇيغۇر ياشلىرىغا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن ئىش ئورۇنلىرى  بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇلارنىڭ قاتناش، ياتاق ھەقلىرىنى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ، ئايدا بىر قېتىم مەخسۇس ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ئۆيىدىكىلىرى بىلەن توردا كۆرۈشتۈرۈش يىغىنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ سىياسەتلەر ھەقىقەتەنمۇ بەك راھەتتە. ئەمما نەتىجىسى قانداق بولدى؟ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ سىتاتىسكىسىغا قارىغاندا، بۇ يەرگە كېلىپ ئىش قىلىۋاتقان 85% ئۇيغۇرلار قايتىپ كېلىشنى خالىمىغان، ۋە ئۆزلۈكىدىن ئىستېپا بېرىپ شىنجاڭغا قايتىپ كەتكەن. ئەمما باشقا ئۆلكىلەردىكى باشقا مىللەتلەرنىڭ ئىستېپا بېرىش نىسبىتى 5% ئەتراپىدا بولغان.

تۆتىنچى مىسال: شىنجاڭنىڭ جۇغراپىيەلىك شارائىتى پاختا تېرىشقا ماس كېلىدىغان بولۇپ، ئاسىيادىكى ئەڭ چوڭ پاختا ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پاختا تېرىش ئىشلىرىنىڭ پەسىل خارەكتىرىلىك بولۇشى شۇنداقلا خىتايدىكى بۇ ساھەدە ماشىنىلىشىش شارائىتىنىڭ تۆۋەن بولۇش سەۋەبىدىن شىنجاڭدا يىلىغا كۆپ ساندىكى پەسىل خارەكتىرىلىك پاختا تېرىدىغان ئىشلەمچىلەرگە بولغان ئېھتىياج ناھايىتى يۇقىرى. ئەمما ئۇيغۇرلار بولسا پاختا تېرىشنى جاپا، پۇلى ئاز دەپ ياراتمايدۇ. نەتىجىدە ھەر يىلى سىچۈەن، خېنەن دېگەندەك يەرلەردىن نۇرغۇنلىغان پاختا تېرىيدىغان ئىشلەمچىلەرنىڭ كېلىپ پۇل تېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە كۆنەلمىدۇق دېدى، شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە پاختا تېرىشنى جاپالىق، كىرىمى ئاز دەپ ياراتمىدى. نەتىجىدە نۇرغۇن كىشىلەر جەنۇبى شىنجاڭدا قېلىپ كۈندە قىلىدىغان ئىشى يوق ئوغرى يانچۇقچىلىق قىلىشىنى جان بېقىشنىڭ يولى قىلىۋالدى.

يۇقىرىدىكى مىساللاردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، ھۆكۈمەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشسىزلىقنى ئازايتىش، نامراتلىقنى يۆلەش توغرىسىدا ئىش قىلمىدى ئەمەس بەلكى نەتىجىلىرى ئۆزلىرى ئويلىغاندەك چىقمىدى خالاس.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر