شىمالىي ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى

مەينەت سياسەت: ئامېرىكا فىدراتسيە تەكشۈرۈش ئىدارسنىڭ فايىس بۇكنى ھانتىر بايدىننىڭ كومپيۇتىرى ھەققىدىكى خەۋەرنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى.50 دىن ئارتۇق دۆلەت بېخەتەرلىك خادىمى يالغان سۆزلىگەن.


 مەينەت سىياسەت: ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ فايس بۇكنى ھانتىر بايدىننىڭ كومپيۇتېرى ھەققىدىكى خەۋەرنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغانلىقى ئاشكارىلاندى. 50 دىن ئارتۇق دۆلەت بىخەتەرلىك خادىمى يالغان سۆزلىگەن

 
تۇرسۇنجان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى2022-يىلى 28-ئاۋغۇست

 

فايس بۇك قۇرغۇچىسى مارك زاكىربىرگ 27-ئاۋغۇست داڭلىق پودكاستىر جوۋ راگىن بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، 2020-يىلى پرېزىدېنت سايلىمى مەزگىلىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ فايىس بۇكقا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.

2020-يىللىق پرېزىدېنت سايلىمىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى نامزاتى دونالد ترامپ دېموكراتلار نامزاتى جوۋ بايدىنغا ئۇتتۇرۇۋەتكەن.

سايلامدىن بۇرۇن، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى فايس بۇك بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا رۇسىيەنىڭ ساختا ئۇچۇرلىرى كۆپىيىپ قالغانلىقىنى، ئېھتىياتچان بولۇشى لازىملىقىنى تەلەپ قىلغان. بۇ چاغدا « نيۇ-يورك پوچتىسى» خەۋەر قىلغان «ھانتىر بايدىننىڭ كومپيۇتېرىدىكى سەتچىلىكلەر»ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغان بولۇپ، تۋېتتېر بۇ خەۋەرنىڭ تارقىلىشنى چەكلىگەن، ئەمما فايس بۇك بۇ خەۋەرنىڭ كەڭرى تارقىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن، خەۋەرنىڭ دەرىجىسىنى تۆۋەنلەتكەن. شۇ چاغدا 50 دىن ئارتۇق دۆلەت بىخەتەرلىك مۇتەخەسسىسلىرى بۇ خەۋەر ساختا دەپ باھالىغان، ئەمما كېيىنكى تەكشۈرۈشلەر ۋە پاكىتلار مەزكۇر خەۋەرنىڭ راستلىقىنى، خانتىر بايدىننىڭ كومپيۇتېرىدا نۇرغۇن قىلىقسىزلىقلار، بۇزۇقچىلىقلار ئاشكارىلانغان. 

« ۋال كوچىسى» ژۇرنىلى مۇنداق سوئال قويغان:

ئەگەر مەزكۇر خەۋەر سايلام مەزگىلىدە تارقىلىشقا يول قويۇلسا نېمە بولاتتى؟

جوۋ بايدىنغا بىلەت تاشلايدىغان سايلىغۇچىلار ھازىرقىدەك كۆپ بولمىغان بولاتتى.

ئامېرىكىدا پۇقرالارنىڭ ھۆكۈمەتكە، دۆلەت بىخەتەرلىك خادىملىرىغا، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ تۆۋەنلىشىنىڭ سەۋەبلىرى كۆپ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سىياسىي پارتىيە مەنپەئەتى ئۈچۈن دۆلەت ئاپپاراتلىرىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە رىقابەتچىلىرىگە قارشى تۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر بار. 50 نەپەر بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ يالغان سۆزلىشى تېخىمۇ نومۇسسىزلىقتۇر.

كۆپ كۆرۈلگەنلەر