ئۇيغۇر سياسى ھەرىكەتلىرى

پىداكار ئىنقىلاپچى، شائىرە زەينۇرە ئىيسا ۋاپات بولدى


 ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى  ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇنەۋۋەر قىزى پىداكار ئىنقىلابچى ، شائىرە زەينۇرە ئىيسا بىر ئۆمۈر قەلبىگە پۈككەن ئارزۇ ئارمانلارنى قالدۇرۇپ، 2022-يىلى 1-ئاينىڭ8-كۈنى كېسەل سەۋەبى بىلەن  ئىستانبۇلدا ۋاپات بولدى.


ئالماس ھاجى 

زەينۇرە ئىيسا 1946-يىلى  قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن. بالىلىق چاغلىرى ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندا ئۆتكەن. ئوتتۇرا مەكتەپنى ئاقسۇدا تاماملاپ، 1960-يىلى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تىل-ئەدەبىيات كەسپىگە ئوقۇشقا كىرگەن. 1965-يىلى ئۇنىۋېرسىتېتىنى ئەلا نەتىجە بىلەن  پۈتتۈرۈپ، شۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتقۇچى بولغان. زەينۇرە ئىيسا مىللەتنىڭ كەلگۈسى بولغان ئەۋلادلارنى تەربىيەلەشتە ئىقتىدارلىق ئوقۇتقۇچى بولۇپلا قالماي، قەلبى ۋەتەن، خەلق ئىشقىدا يانغان ئوت يۈرەك شائىرە ۋە ئىلمىي تەتقىقاتچى ئىدى. ئۇنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بولغان"ئالىي مەكتەپلەر ئۈچۈن يېزىقچىلىق بىلىمى"، "تۈرك تىلى بىلەن ئۇيغۇر تىلى سېلىشتۇرمىسى"، "تۈركى تىللارغا مۇقايسە"، "يېزىقنىڭ تىلغا تەسىرى"، "تۈركى تىللاردىكى فونىتىك پەرقلەر نەدىن چىقتى"، "لۇغەت فوندى يەلپازىسى"، "ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن رۇسچە، ئەرەبچە، پارىسچە كەلىمىلەر" قاتارلىق كىتاب-ئەسەرلىرى، "توققۇز بۇلاق"، "بۇلبۇل ناۋاسى"، "قارلەيلىسى" قاتارلىق شېئىرى كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. ئۇ يەنە باشقا ئۇستازلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى مىڭ سۆزلۈك چوڭ لۇغەت ئىشلەشكە قاتناشقان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرى بىلەن 27يېشىدا"تىل ئالىمى"دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن.

زەينۇرە ئىيسا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە سىياسىتى ۋە چىدىغۇسىز روھىي بېسىم تۈپەيلى 1985-يىل تۈركىيەگە ھىجرەت قىلغان. ئۇ تۈركىيەگە كەلگەندىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنىڭ پائال ئىشتىراكچىسى ۋە ئاكتىپ تەشۋىقاتچىسى بولدى. ئۇنىڭ تۈرك تىلىدا نەشر قىلىنغان "تۈرك ئەدەبىياتى"، "سېنى ئىزدەۋاتىمەن"، "ئۈچىنچى سۆيگۈ" ، "ھا،ھا مەن تارىخچى" قاتارلىق ھېكايىلىرى، "قار لالىسى" ناملىق شېئىرلار توپلىمى تۈرك خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. ئىستانبۇلدا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان ۋەتەن سۆيگۈسى بىلەن تولغان "تارىم قىزى"ناملىق شىرلار توپلىمى ئوقۇرمەنلەرگە روھ ۋە زوق بېغىشلىدى.

زەينۇرە ئىيسا 1999-يىللىرى گېرمانىيەدە ئاچقان رەسىم كۆرگەزمىسىدە "دۇنيادا بىرىنچى قېتىم خىتاي قىيىن قىستاقلىرىنى سىزغان رەسسام"بولۇپ تونۇلدى. ئۇنىڭ شېئىرلىرى گېرمانچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلدى. ئۇ2001-يىلدىن 2002-يىلغىچە گېرمانىيەنىڭ مەشھۇر گىئوتى ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلى دەرسى بەردى. ئۆزگۈر ساۋاشچىنىڭ گېرمانچە، تۈركچە ئىككى تىللىق لۇغىتىنى ئۇيغۇرچىنى قوشۇپ ئۈچ تىللىق لۇغەت قىلىپ چىقتى.

زەينۇرە ئىيسا 2006-يىلى "مەھمۇد كاشىغەرى" دېگەن روماننى ۋە 2010-يىلى "يۈسۈپ خاس ھاجىپ" دېگەن روماننى ئۇيغۇرچىدىن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىپ ۋە نەشر قىلدۇرۇپ تۈرك خەلقىنىڭ بۇ مەشھۇر ئالىملىرىمىز ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىنى بەدىئىي ئوبرازلاشتۇرۇلغان ھالدا يەنىمۇ يارقىنلاشتۇردى.

زەينۇرە ئىيسا بارلىقىنى ۋەتەنگە، مىللەتكە بېغىشلىغان، ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ھىچنەرسىسىنى ئايىمىغان پىداكار ئىدى. ئۇ ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كەچكەن، ئۇنىڭ يۈرىكى پەقەت ۋە پەقەت ۋەتەن ئۈچۈن سوقاتتى. ئۇ ئۆزىنىڭ بەختىنى، خۇشاللىقىنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىدىن، مىللەتنىڭ ھۆرلىكىدىن ئىزدىگەن ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن ھارماي تالماي، پەقەت ۋايسىماي، بىر تالمۇ مىننەت قىلماي بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلغان ئىدى. خەلقىمىز بۇ ساداقەتمەن پىداكار قىزىنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. ئاللاھ بۇيرۇسا ۋەتەن مۇستەقىللىقىنى قولغا كىرگۈزگەندە زەينۇرە ئىيسا ئوقۇغان ئۇچتۇرپاندىكى باشلانغۇچ مەكتەپكە "زەينۇرە ئىيسا باشلانغۇچ مەكتىپى" دەپ نام بېرىپ مەڭگۈلۈك ئابىدە تىكلەيدۇ.



2022.01.08 ئىستانبۇل

كۆپ كۆرۈلگەنلەر