ۋەتەن جەمئىيتى

تاھىر ئىمىن: 2012-يىللىق ئۇيغۇر ئەلرايى سىناش پائالىيىتىنى ئەسلىدىم

by Arman - Oct 24, 2022 0 Comment

 تاھىر ئىمىن: 2012-يىللىق ئۇيغۇر ئەلرايى سىناش پائالىيىتىنى ئەسلىدىم

2012-يىلى ئۈرۈمچىدە «باغداش تورى» ۋە «ئۆز تۈرك» شىركىتى ھەمكارلىقىدا تۇنجى قېتىملىق ئەلرايى سىناش پائالىيىتى ئىلىپ بېرىلدى. بۇ ئەلرايى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە تۇنجى قېېتىم ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل ھالدا،ئۇيغۇر تەرىپىدىن ئ‍ۇيۇشتۇرۇلۇپ،ئۇيغۇرلارنى قاتناشتۇرۇپ، ئۇيغۇرلار ئ‍ۆزى ئاشكارا بىلەت تاشلاپ  باھالايدىغان ، ختتاي ھۆكۈمىتى ياكى شركەتلىرى ئارىلاشمىغان مۇستەقىل ئەلرايى بولۇپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئۇيغۇر ياشلىرى، شىركەت كارخانىلار، يازغۇچىلار، سەنئەتكارلار، رىياسەتچىلەر قاتارلىقلارنى ئەلرايى ئارقىلىق كۆرۈپ چىقىدىغان، باھالايدىغان بىر جازا مۇكاپات خاراكتېرىنى ئالمىغان بىر ئەلرايى تۈرى ئىدى.پائالىيەت 2012-يىل ئاخىرى باشلىنىپ،2013-يىلى يىل بېشىدا نەتىجىسى ئىلان قىلىندى، جەمئىيەتتە ناھايتى كۈچلۈك ئىجابى  تەسر قوزغىدى ۋە يېڭىلىق بولغانلىقى ئېتىراپ قىلىندى.



مەن مەزكۇر پائالىيەتنىڭ پىلانلىغۇچىسى ۋە قوللىغۇچىسى سۈپىتىم بىلەن قاتناشماسلىقنى تەلەپ قىلغان  بولساممۇ، ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرىدىكى زىيالىيلار ۋە باغداش تورى قاتنىشىشىمنى كەسكىن تەلەپ قىلدى. ئۇلار: «سىز قاتناشسىڭىز ئاندىن ھەقىقىي نامزاتلار قاتناشقان بولىدۇ، سىز بولمىسىڭىز ھاياتى كۈچىگە تەسر يېتىدۇ» دېدى. «ئارقىدا قىلىشتىن قورققانلىق بولمىسۇن» دەپ ئۆزۈمگە كۆپ ئ‍شەنچىم بولمىسمۇ قالتىس ماھىرلار بىلەن تەڭ قاتناشتىم، ئەگەر قاتناشتۇرۇلغۇچىلار خالمىسا، ئۆزى نامىنى چېقىېۋرىتىشكە بولاتتى.

مەن تاللانغان تۈر  «2012-يىلدىكى ئەڭ ئالقىشلىق ياشلار»كۆپ خىل قاتلامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈر بولۇپ، بۇ تۈرگە كىرگۇزۇشتە تاللىنىشتا تۆت شەرتنى تولۇق ھازىرلىغان  بولۇشى كىرەك، بىرىنچىدىن مەلۇم ساھەدە ئىگىلىك تىكلەش ياكى ئىگىلىك باشقۇرۇشتا ياراتقان نەتىجىسى پۇتۇن ئاپتونوم رايون بويىچە ئالدىنقى 20 ئىچىگە كىرگەن بولۇشى،ئىككىنچىدىن چوقۇم ئالى مەلۇماتلىق بولۇشى ،  ئ‍ۈچىنچىدىن ياراتقان پايدىسى ۋە بايلىقىدىن  جەمئيەتكە ئەمەلى ياردەم قىلغان بولۇشى ،تۆتىنچىسى،ئىناۋىتى ئ‍شەنچىلىك بولۇشى،جەمئىيەتكە زىيانلىق ئ‍ش قىلمىغان بولۇشى كىرەك ئىدى،بۇنىڭغا چۇشىدىغان كىشلەر كۆپ ئەمەس ئىدى. مىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىم ياكى ئاممىۋى ئەگەشكۈچىلىرىم كۆپ بولمىسىمۇ، ئەمما «شنجاڭ ئۆز تۈرك خەلقئارا سودا چەكلىك شركىتى» ئىجرائىيە باش دىرىكتورى،ئۇيغۇر زىيالىىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن  قىلغان خىزمەتلىرىمدىن مەن پىلانلىغان ۋە ئىجرا قىلغان ئۆز تۈرك ئاسپىرانتلار قىزلار ئوقۇش مۇكاپاتى، ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى، ئۇيغۇر ئىلىم مۇنبىرى،ئەلشر نەۋائى خەلقئارا مۇھاكىمە يېغىنى تەرجىمانى،ئاچچىق ھايات قاتارلىق كىنولارنىڭ تەرجىمانى،ئنگىلىزچە-ئۇيغۇرچە ئەقلىيە سۆزلەر ناملىق كىتاپنىڭ تۈزگۈچىسى  بولۇش سۈپىتىم ۋە  ئەمگەكلىرىم بىلەن ياشلار ئارىسىدا ئىككىنچى بولدۇم، بۇ چاغدا تېخى مەن جەمئىيەتكە ئەڭ پايدىلىق خىزمىتىم بولغان «ئوتتۇز ئوغۇل شىركىتى» ۋە «ئوتتۇز ئوغۇل كارخانىچىلار جەمئىيىتىنى»،«ئۇيغۇر ئاياللار تەرەققيات مۇنبىرى» قۇرمىغان ئىدىم. مىڭلىغان تورداشلار بىزنى قوللىغان ۋە ياخشى ئىنكاسلارنى يازغان ئىدى، ئۇيغۇرلار شۇ دەۋردە كۆپ ساھەلەردە ئىلگىرىلەپ كەتكەنلىكىنى كۆرمەك تەس ئەمەس.



باغداش تورى مۇنداق يازغان ئىدى: «بۇ قېتىمقى ئەل رايى سىناش پائالىيىتىگە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن 20000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان . مەزكۇر پائالىيەت بېتىنىڭ كۆرۈلۈشى 50000 ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ كەتكەن. زىيارەتچىلەر ئىچىدە 95% جۇڭگودىكى تورداشلار بولۇپ، ئۇنىڭ 85% شىنجاڭ تور ئابونتلىرى ئىكەن. شىنجاڭ ئىچىدە ئۈرۈمچىدىن زىيارەت قىلغانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ 19.12%نى ئىگىلەيدىكەن. پائالىيەتكە 10% چەتئەلنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى تورداشلار قاتناشقان بولۇپ ياۋروپا، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ پائالىيەتكە قاتناشقاندىن سىرت، بىرما، سۇدانلاردىمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتناشقانلار باركەن. ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ تۆۋەندىكى رەسىمنى چېكىپ كىرىپ تېخىمۇ قىزىقارلىق ئۇچۇرلارنى بايقىيالايسىز. بىز يەنە بۇنىڭدىن سىرت تېخىمۇ كۆپ قىزىقارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدۇق، بۇ سانلىق مەلۇماتلار بىزگە نېمىلەرنى ئېيتىپ بېرىدۇ، قېنى مەرھەمەت! » 

تور بەت ئۇلانمىسى:

https://web.archive.org/web/20130115095458/http://2012.bagdax.cn/

بۇ ئەلرايى ۋەقەسنى مەن ئۇنتۇپ كەتكەن ئىكەنمەن،ئۇلۇشكۇن بىر قىز ماڭا خەت يېزىپ ئەھۋال سوراپ،ئاشۇ رەسملەرنى ئەۋەتتى ،ئ‍سمگە كەلدى.شۇ ھادىسە-بىزگە مۇنداق ئىككى نەرسنى بىلدۇرىدۇ: ئەينى چاغدا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلار كۆپ تىرشچان، ئىلگىرىلەش روھىغا ئىگە،ھەم ۋەتەن سرتىدىكى ھازىرقى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كۆپ ئاق كۆڭۇل ۋە سەمىمى.بۇ ۋەقە ئەينى چاغدىكى دەۋرنىڭ كۈچلۈك ئەينىكى بولالايدۇ،ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىنىڭ ئىزدرىكى يوق، ئارسىدىكى بىر نەچچە يېقىن دوسلىرىم ۋە ھەمكارلىرىم قاماقتا،مەن ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىدا ئۇلار ھەققىدە ئىنگىلىزچە ۋە باشقا تىلدا خەۋەر ۋە دوكلات ئىلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى دۇنياغا يەتكۇزۇپ كەلدىم.

 

كۆپ كۆرۈلگەنلەر